خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقتا كەينىگە چېكىنىپ كېتىش بىلەن ئەيىپلىدى


2007.05.23

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى 2007 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، باسقۇنچى ھۆكۈمەتلەر ۋە قوراللىق گۇرۇھلارنى قەستەن تېرورلۇق ۋەزىيىتى يارىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى يىمىرىپ تاشلىماقچى بولدى، دەپ ئەيىپلىدى.

دوكلاتتا، خىتاينى ئەيىپلىگەن شۇنداقلا خىتايدا ئادۋۇكاتلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىش، نازارەت ۋە ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچراش ئەھۋالى بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۈردە قاتتىق باستۇرماقتا شۇنداقلا تىبەت ئاپتونوم رايونىدا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك چەكلەنمەكتە.

خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بارغانچە كەينىگە چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ساقچىلارنىڭ يەرلىك لۈكچەكلەرنى گۇماشتا ئورنىدا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋۇكاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ يەر مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى زاتلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، ئاخبارات -نەشرىيات ئورگانلىرىنى، مۇخبىرلار ھەم ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى تەقىپ قىلىش، كونترول قىلىش ۋە زەربە بېرىش كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا دىھقانلار ۋە ياللانما ئەمگەكچىلەرنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە كەمسىش ئەھۋالى يەنىلا ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۈت. ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدىكى دىنىي جەمئىيەتلەرگە بەيئەت قىلىشنى خالىمىغان دىندارلار داۋاملىق باستۇرۇلماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئەدلىيە سېستىمىسى ۋە ئۆلۈم جازاسى تۈزۈمىنى تەنقىد قىلدى شۇنداقلا خىتاينىڭ يەنىلا دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىۋاتقان 1- دۆلەت ئىكەنلىكى، تەن جازاسى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئادالەتسىز سوتلاش ئەھۋالى ئومۇمى يۈزلىك مەۋجۈت بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدا يەرلىك مىللەتلەردىكى دىمۇكراتىيە ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى زاتلارغا ئۈزلىكسىز زەربە بېرىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تەرەققىياتنىڭ بەدىلىنى كىم ئۆتەۋاتىدۇ ؟

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىرېن خاننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ بەدىلىنى بۇ تەرەققىياتتىن نەپ ئالالمىغان پۇقرالار ئۆتىمەكتە.

ئىرېن خانىم، " بىز ھەر كۈنى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئوقۇۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن بۇنىڭدا ئاققۇنلار مەسىلىسى، بىر چەتكە قايرىلىپ قالغان پۇقرالار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى كۆپ تىلغا ئېلىنماي كېلىۋاتىدۇ. ئىقتىسادى تەرەققىياتتىكى بۇ ئىلگىرلەشنىڭ بەدىلىنى يۇقىرىقى پۇقرالار كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىش بىلەن ئۆتىمەكتە،" دەيدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مائارىپ ئەركىنلىكى رەت قىلىنماقتا

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باپىدا، " ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شىنجاڭدا ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى داۋاملىق تۈردە قاتتىق باستۇرماقتا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مائارىپ تەلىم تەربىيە ئېلىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقى رەت قىلىنماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقانلىقى، بۇ رايوندىكى ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ تېخىمۇ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە،" دەيدۇ.

دوكلاتتا، سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋاباتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىزچىل نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا رابىيە قادىرنىڭ " ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرماقچى، " دەپ سوتلانغان ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ جىددى داۋالىتىشقا ئېھتىياج ئىكەنلىكى ۋە كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ھازىرغا قەدەر كانادا دىپلوماتلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرمىغانلىقىنى يازدى.

ئىرېن خانىم : ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن كىشىلىك ھوقۇقتىكى ئىلگىرىلەش ماسلىشىش كېرەك

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەسئۇلى ئىرېن خانىم، خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئاسىيادىكى ئىقتىسادى گۈللىنىش دەۋرىدە تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن، كىشىلىك ھوقۇقى ساھەسىدىكى تەرەققىياتى ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنى ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئىرېن خانىم،"خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە سىياسى ھوقۇققا ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەش بىر - بىرى بىلەن ماسلاشمىسا، ئۇلار بۇنداق قىلمىسا، بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەرەققىياتتىن نەپ ئالالماي ئارقىدا قېلىشىنى، بۇ توقۇنۇش، بۆلۈنۈش ۋە مۇقۇمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىقتىسادى مۇۋاپىقىيەتلەرنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرۇشى مۈمكىن،"دەپ كۆرسەتتى.

بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇئامىلە قىلىنمىغانلىقىنى قەيت قىلدى. بۇ قېتىمقى دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ، دېگەن ئايرىم بىر ماۋزۇ ئاستىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دوكلاتنى قارشى ئالدى.

گەرچە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى كەينىگە چېكىنىش بىلەن تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەلۇم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سىياسى ئەركىنلىكى كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.