پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار

0:00 / 0:00

خىتايدا چەتئەلگە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش باشلانغاندىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ چەتئەللەرگە كۆچۈش چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ھازىر 150 نەچچە دۆلەتتە خىتاي كۆچمەنلىرى بار. ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆپۈنچە جايلىرىدا خىتايچە چىرايلار كۆزگە چېقىلىپ تۇرىدۇ. 'ئامېرىكا ئاۋازى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرى ئاساسەن چەتكە چىقىپ باي بولۇشنى كۆزلىگەن ئىدى. ئەمما، ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ كۆرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپۈنچە كۆچمەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن 'چەتكە چىقىپ باي بولۇش' دېگەن ئارزۇ-ئارمانلىرى بەرباد بولدى. بەلكى ئارزۇ-ئارمانلىرى بەرباد بولغان كۆچمەنلەر ئۆزى كۆچۈپ كەلگەن دۆلەتلەردە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە ناھايىتى زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.

قانۇنلۇق كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ئاساسەن ياخشى بولسىمۇ، ئەمما قانۇنسىز كۆچمەنلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر كۆپ

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا قانۇنلۇق كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ئاساسەن ياخشى، ئەمما قانۇنسىز كۆچمەنلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر كۆپ. ئامېرىكىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆچمەن ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پروفېسسور كۇاڭ جىژجوڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى بىرنەچچە ئون يىل ئىچىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى 180 مىليونغا يېتىدۇ. بۇنىڭ بەشتىن بىرى خىتاي كۆچمەنلىرى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قانۇنلۇق كۆچۈپ كەلگەن تېخنىكىسى بار ئىشلەمچىلەر ۋە سودا-تېجارەتچىلەر نىڭ ئەھۋالى ئاساسەن ياخشى. ئۇلار ھەرخىل قېيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندىمۇ ئىپادىسى ياخشى بولدى. ئەمما كۆڭلىگە پۈككەن نىيەت-مەقسەتلىرى دۇرۇس بولمىغان كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس.

بۇ ئەربابنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ۋېنجۇ رايونىدىن ئوغۇرلۇقچە چېگرىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكىغا كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ خوجايىنلىرىغا ئاز دېگەندە 200 مىڭ يۇەن قەرزى بار، ئۇلار قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن يىل بۇيى قىسىلىپ يېتىپ قوپۇپ، ھەر ھەپتىسى 80 سائەتتىن ئىشلەيدۇ. ئۇلار سائىتىگە 5 دوللار ھېسابىدا ئىشلەپ قەرزىنى قاچان تۆلەپ بولالايدىغانلىقىنى ۋە قاچان قانۇنلۇق بولۇپ ئۇچۇق-ئاشكارا ياشايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار جەمئىيەتتە بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەنپەئەتلەردىن ئۇلار بەھرىمان بولالمايدۇ.

ئۆزىمۇ كۆچمەن بولۇپ ئامېرىكىغا كەلگەن، ئامېرىكىدا قانۇن ئوقۇپ، ھازىر ئادۋوكات بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابلاجان لەيلى نامان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئەھۋال تونۇشتۇردى. ئابلا جان ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر كۆچمەنلىئىرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ توختالدى.

'خىتايدا ئىشلەندى' دېگەن ماركىسى بار مەھسۇتلارنىڭ ئىناۋىتى ياخشى بولمىغانلىقى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئوبرازىنى پەسلەتمەكتە

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 60 ‏- يىللاردىكى تەيۋەن كۆچمەنلىرى، 70 ‏- يىللاردىكى جەنۇبى كورىيە كۆچمەنلىرى خەلقئارادا ئىقتىسادىي قىزغىنلىق پەيدا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي كۆچمەنلىرى دولقۇنى خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئاۋاتلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرى چەتئەللەردە ھازىر دۇچ كەلگەندەك ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كەلمىگەن ئىدى.

خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېنجاباۋنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلاردا مەسىلە چىقتى، زەھەرلىك چىش پاستىلىرى، قاتناش ۋەقەسى چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ئاپتوموبىل چاقلىرىمۇ چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىنىپ يامان تەسىر بەردى. بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئوبرازىنى پەسلەتمەكتە.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىغا كەلگەن ۋېنجو كۆچمەنلىرى دولقۇنىدىن كېيىن، ھازىر شىمالى ئامېرىكىغا كېلىدىغان شەرقىي شىمال كۆچمەنلىرى كۆپەيمەكتە. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قايسى ئۆلكىنىڭ كۆچمەنلىرى كۆپىيىدۇ، بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. (ۋەلى)