
رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل فرادكوپ 11-دېكابىر كۈنى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بازارلىرىدىكى پارچە ۋە توپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ ئومۇمىي نىسبەتنىڭ 40%ئى بىلەن چەكلىنىشىنى، 2007-يىلىدىن تارتىپ چەتئەللىكلەرنىڭ پارچە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەشنى كۆرسەتكەن.
فرادكوپ ئېلان قىلغان مەزكۇر بۇيرۇقتا يەنە 2007-يىلى 1-ئايدىن تارتىپ چەتئەللىكلەرنىڭ رۇسىيەدە ھاراق ۋە دورا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ چەكىلىنىدىغانلىقى، رۇسىيىگە كىرگەن چەتئەللىكلەرنىڭ پەقەت ئۆزلىرىگە مەسۇل بولغان خوجايىننىڭ يېنىدىلا ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. رۇسىيە دائىرىلىرى بۇ ئارقىلىق چەتئەللىك ئىشچىلارنىڭ سانىنى كونترول قىلماقچى بولغان.
رۇسىيە دۇماسىنىڭ (پارلامېنتى) باشلىقى سېرگېي مىرونوپ يەنە مەخسۇس قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ۋە قانۇنسىز كۆچمەن ئەمگەكچىلەرنى تەكشۈرۈش ئورگىنى شۇنىڭدەك ساقچى ئورگىنى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
رۇسىيە قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىگە زەربە بەرمەكتە
خىتاي تىلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش بەلگىلىمىسى ۋە سىياسىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا موسكۋا قاتارلىق جايلاردىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر جايلاشقان بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇقتىلار تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي قانۇنسىز كۆچمەنلىرىنىڭ يامراپ كېتىشى ئۇزۇندىن بۇيان رۇسىيە جامائىتى ۋە ھۆكۈمەت قاتلىمىنى بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ موسكۋا شۆبىسى 27-ئوكتەبىر كۈنى موسكۋا ئەتراپىدىكى بىر تىرە كىيىملىرىنى ئىشلەش ئورنىنى تەكشۈرگەندە، 239 نەپەر قانۇنسىز خىتاي كۆچمىنىنى قولغا چۈشۈرگەن.
رۇسىيىنىڭ "مۇستەقىللىق" گېزىتىنىڭ 15-دەكابىر كۈنى خەۋەر بېرىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يىراق شەرق بازارلىرىدىكى خىتايلار بۇنىڭدىن زەربە ھېس قىلىپ، بىر قىسىم خىتايلار سودا نۇقتىلىرىنى تاقاپ، ماللىرىنى ئېلىپ ۋەتىنىگە قايتقان.
رۇسىيە مۇستەقىل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خىتاينىڭ خېيلوڭجىئاڭ بىلەن چېگرىلىنىدىغان خاباروۋسك شەھىرىدىكى بازارلارغا جايلاشقان خىتاي سودىگەرلىرى رۇسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ پارچە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا چەك قويۇلغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم خىتايلار ماللىرىنى ئەرزان سېتىپ، ۋەتىنىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە موسكۋا شەھىرىدىكى خىتايلار 80% نى ئىگىلىگەن چوڭ سودا بازىرىمۇ زەربىگە ئۇچرىغان. مەزكۇر بۇيرۇق تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرى يەرلىك رۇسلارنىڭ نامى ئاستىدا سودا قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
رۇسىيە كۆچمەن ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن قوش ئۆلچەم قوللانماقچىمۇ؟
رۇسىيە خەۋەر تورلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيىدىكى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، رۇسىيىدە تۇرىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى تىزىملاپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىشى ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
قىرغىزىستاننىڭ "قابار" ئاگېنتلىقىمۇ يېقىندا قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا رۇسىيىدە تۇرىۋاتقان 500 مىڭ قىرغىزستانلىقنىڭ قانۇنلۇق ھالدا رۇسىيىدە تىرىكچىلىك قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسى بويىچە ھۆججەت ئىمزالانغان.
"پەرغانە" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان كۆچمەنلىرى رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يىراق شەرق قىسىملىرىغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، ئۆزبېكلەر ۋولگاگراد ئوبلاستى، ئاستراخان ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ ئاساسلىق دەھقانچىلىق ۋە كۆكتاتچىلىق ئىشلىرىنى ئىگىلىگەن. ئۆزبېكىستان كۆچمەنلىرى رۇسىيە شەھەر-يېزىلىرىغا تېز سۈرەتتە كېڭەيمەكتە ئىكەن. خىتاي تىلىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ يېزىشىچە، گەرچە خىتايدىنمۇ قانۇنلۇق ئىشچى قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا بولغان تەكشۈرۈش كۈنسايىن قاتتىقلاشقان. رۇسىيە دائىرىلىرى 2007-يىلى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىن 600 مىڭ ئادەمنىڭ رۇسىيىگە كېلىپ ئىشلىشى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغان.
رۇسىيىدە خىتاي شەھىرى بولمايدۇ
خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيىدىكى سانى زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، بەزى ئۇچۇرلاردا بىر قانچە مىليونغا يەتكەنلىكى كۆرسىتىلسىمۇ، بىراق بىرلىككە كەلگەن سان مەلۇم قىلىنمىغان. خىتاي كۆچمەنلىرى ماكانلاشقان ئاساسىي نۇقتا موسكۋا ۋە سانكىتپېتېر بۇرگ شۇنىڭدەك يىراق شەرقتىكى ۋلادىۋوستوك، خاباروۋسك قاتارلىق شەھەرلەر بولۇپ، بەزى جايلاردا مەخسۇس خىتايلارنىڭ رېستۇرانلىرى، ماگىزىنلىرى جايلاشقان نۇقتىلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ھەتتا مەخسۇس خىتايلار جايلاشقان خىتاي شەھەرچىلىرىنى قۇرۇش پىكىرلىرىمۇ مەيدانغا چىققان.
خىتاي كۆچمەنلىرى رۇسىيىنىڭ چىتا ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى خىتايلار ئاچقان زاۋود –فابرىكىلار، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، خىتاي تىجارەتچىلىرى ئاساسلىقى خىتايلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىشسىز قالغان يەرلىك رۇسلار بۇنىڭدىن نارازى بولغان. ھەتتا، خىتايلار 30 كۈنلۈك ساياھەتكە كېلىش باھانىسى بىلەن چىتادىكى خىتايلار ئاچقان زاۋودلاردا ئىشلەپ، 30 كۇن توشقاندا پۇلنى ئېلىپ قايتىپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن يەنە رۇسىيىگە كىرىپ ئىشلەشتەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلغان. خىتاي كۆچمەنلىرى رۇسىيىلىكلەرنى ئەڭ كۆپ ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان نۇقتا. ئۆتكەندە رۇسىيە ساقچى دائىرىلىرى بىراقلا 60 نەچچە نەپەر خىتاينى كوللېكتىپ قايتۇرىۋەتكەن بولۇپ. بۇ ھەقتە "موسكۋا كومسومولى" گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىنغان " ئەجدىھا يولى" ناملىق ماقالىدە موسكۋادا 150 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ گۇرۇھى، خاربىن گۇرۇھى، شاڭخەي گۇرۇھى، فۇجەن گۇرۇھى ۋە جېجاڭ گۇرۇھى دېگەندك بىر قانچە قارا قوللار گۇرۇھلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ، ئۆزارا بىر بىرى بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى يېزىلغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايلار موسكۋانىڭ ئىزمايلوپ ۋە چېركىزوپ رايونلىرىدا "ئاسىيا مەھەللىسى " پەيدا قىلىپ، بۇ جايلاردا قىمارخانىلارنى، پاھىشىخانىلارنى ئاچقان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي قارا قوللىرى رۇسىيە سودىسىغا، جەمىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، بىر قىسىم رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بۇ خىتايلاردىن پارا يېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا چېقىلىشنىمۇ خالىمايدىكەن.
بىراق، رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كونستانتىن رومانوپ رۇسىيە مۇستەقىل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي قانۇنسىز كۆچمەنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، رۇسىيىدە خىتاي شەھەرچىلىرىنىڭ قۇرۇلمايدىغانلىقىنى، غەرب دۆلەتلىرىدە مەۋجۇت خىتاي شەھەرچىسى دېگەندەك كۆچمەنلەر نۇقتىسى رۇسىيىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز بۇنداق نۇقتىلارنىڭ رۇسىيىدە بولماسلىقىغا ۋەدە بېرىمىز " دېگەن.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى كۆپلىگەن قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى رۇسىيىدىن قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، 2006-يىلى، بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا رۇسىيە دائىرىلىرى بىر مىليونغا يېقىن قانۇنسىز تۇرىۋاتقان خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللىك رۇسىيە چېگرىسىدىن چىقىرىۋەتكەن. (ئۈمىدۋار)