ئامېرىكا 2007 ‏- يىلىدن باشلاپ قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھەر يىلى تۈركۈملەپ خىتايغا قايتۇرىدۇ


2007-03-29
Share

"ئامېرىكا ئاۋازى"نىڭ 29 ‏- مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 2007 ‏- يىلىدىن باشلاپ خىتاي قانۇنسىز كۆچمەنلىرىنى ھەر يىلى 500 دىن تۈركۈملەپ خىتايغا قايتۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ يىل قايتۇرۇلىدىغان 500 نەپەر قانۇنسىز خىتاي كۆچمەننى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىزمەت ھازىرغا قەدەر دېلوسى ئېنىقلىنىپ بولغان تۈمەنلىگەن قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى تولۇق قايتۇرۇپ بولغىچە داۋام قىلىدۇ. كۆچمەن ئىشلىرىنى كۆزەتكۈچى ئەربابلارنىڭ بايان قىلىنىشىچە، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىدا ئۇلارنىڭ قانۇن بۇيىچە ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە.

ئامېرىكىنىڭ قانۇنى بۇيىچە قانۇنسىز كۆچمەنلەر چۇقۇم ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدۇ

نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پاكولتېتىنىڭ كۆچمەن قانۇنى تەتقىقاتچىسى مۇزەپپەر چىشتى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ قانۇنى بۇيىچە قانۇنسىز كۆچمەنلەر چۇقۇم ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدۇ. ئامېرىكىدا ھازىرغا قەدەر "قانۇنسىز كۆچمەن" دەپ ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى چىقىرىلغان ئادەم سانىلا 37 مىڭ. بۇنداق كىشىلەر داۋاملىق ئېنىقلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھەربىر قانۇنسىز كۆچمەننى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 95 ئامېرىكا دوللىرى چىقىم تارتىۋاتىدۇ، بۇ ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن ئاز يۈك ئەمەس. ئەمما ھازىر ئامېرىكىدا بىجىرىلىۋاتقان "قانۇنىسز كۆچمەن" دېلولىرى بىر ئاز مۇرەككەپ، بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تەستىقلانمىغانلار بار، ئۇلارنىڭ يەنە ئەرز سۇنۇپ، ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ھوقۇقى بار. نىمىلا بولمىسۇن ئامېرىكا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ھامان ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرىدۇ. تەتقىقاتچى چىشتى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بەزى كىشىلەر ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەممە ماتېرىياللىرىنى يوق قىلىۋەتكەچكە، ئۇنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش قېيىن بولىۋاتىدۇ.

2006 ‏- يىلى، ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇشنى پىلانلىغان 119 ئادەمنى خىتاي ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن "قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش كېلىشىمى" ئىمزالىغاندىن كېيىن، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قانداقتۇر "قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك" دېيىش ئارقىلىق سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەرنىمۇ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا پىسەن قىلماي، قايتۇرۇشنى قارار قىلغان بىر تۈركۈم ئادەمنى، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش شەرتى بىلەن قايتۇردى.

چەتئەللەردە قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەرخىل ھەرىكەتلىرى ئەيىبلەش ئارقىلىق تۈزىتىش مۇمكىن بولمىغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە سوتلىنىشقا باشلىدى

بىرنەچچە يىلدىن بۇيان نەشرىيات يۈزىدە كۆرۈلگەن دوكلاتلار ۋە خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي چەتئەللەرگە قارىتا ئىشىك ئاچقاندىن كېيىن، چەتئەللەرمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە كېلىشىگە ئاسانلىق ياراتتى. تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر خىتايلارنىڭ كېلىپ مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈپ، ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن خىتايلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

بۇ جەرياندا، گەرچە بىرمۇنچە خىتاي پۇقرالىرى قانۇنلۇق ئىش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايلارنىڭ بەزى "كۆچمەن ئالامەتلىرى" نىڭ دۇنيادا تەسىرى ئىنتايىن ناچار بولدى. 2006 ‏- يىلى 4 ‏- ئايدا لوس ئانجىلىس گېزىتىدە بېسىلغان "كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر" دېگەن ماقالىدە، ئامېرىكىغا نورمال ھالەتتە ۋىزا ئېلىپ كەلمەي، بەلكى ئەتكەسچىلەرگە پۇل بېرىپ يۇشۇرۇن كەلگەن ياكى يالغان ھۆججەت ياساپ كەلگەن ياكى چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كەلگەن خىتايلارنىڭ قانۇنسىز ئىشلەۋاتقانلىقى، جەمئىيەت ئەخلاقىنى بۇزىدىغان ئەڭ رەزىل ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى. 2007 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنىدىكى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ، قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەھۋانىيلىق دېلولىرى نيۇيورك شتاتىنىڭ باففولو يەرلىك سوتىدا سورىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بېسىلدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، باشقا دۆلەتلەردە قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يامان ئىشلىرى ئەيىبلەشكە ئۇچرىغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان "خەلق گېزىتى 2000 ‏- يىلى 4 ‏- ئايدا، "خىتاي پۇقرالىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىدى"، "قانۇنسىز كۆچمەن دەپ ئەيىبلىدى" دەپ فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرىدىغان ماقالە بېسىلغان ئىدى.

چەتئەللەردە تەسىرى تېخىمۇ يامان بولۇۋاتقان مەسىلە خىتاي كۆچمەنلىرى ئىچىدىكى جاسۇسلۇق مەسىلىسى

چەتئەللەردە تەسىرى تېخىمۇ يامان بولۇۋاتقان مەسىلە خىتاي كۆچمەنلىرى ئىچىدىكى جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش مەسىلىسى. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى كالىفورنىيا يەرلىك سوتىدا خىتاي كۆچمەنلىرى ئىچىدىكى جاسۇسلۇق دېلوسى سوتلىشىقا باشلىدى. خەۋەرگە قارىغاندا، 1985 ‏- يىلىدىلا ئاللىقاچان ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن، ئامېرىكىدا ياخشى مائارىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىگە ئېرىشىپ بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇزۇن يىللارغىچە چوڭقۇر يۇشۇرۇنۇپ ، كوممۇنىست خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن مەي داجژ قاتارلىق خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ خىتايغا يوللاپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ قولغا ئېلىنغان.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئامېرىكىدا بۇنىڭغا ئوخشاش دېلولار ئاز بايقالمىدى. ھەتتا ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىدا پروفېسسور بولۇپ تۇرۇپ، يەنە باشقا نامەلۇم ۋاستىلار ئارقىلىق خىتايغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىشلىتىدىغان ئېلېكتىرونلۇق يادرو دېتاللىرىنى ئىكىسپورت قىلغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرمۇ بايقالغان ئىدى. خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ئەلچىخانىسىدىن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ چىقىپ كەتكەن چېن يۇڭلىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، شىمالى ئامېىرىكىدا مىڭدىن ئارتۇق خىتاي جاسۇسى يۇشۇرۇنغان. گەرچە بۇنداق كىشىلەر ھەرخىل باھانە بىلەن، ھەتتا يالغان ئېيتىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يۇشۇرۇپ، مەھەللىلەردە مىللەتچىلىك، يۇرتۋازلىق باھانىلىرى بىلەن ھەرخىل سىياسىي بۇزغۇنچىلىق ياكى ئىقتىسادىي ئاخبارات ئوغرىلاش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولالىغىنى يوق. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت