ئۇيغۇر ئانالىزچىلار : خىتاي كومپارتىيىسىدە ئارمانىغا چۇشلۇق دەرمان يوق

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ - 18 قۇرۇلتىيى بۈگۈن - 14 نويابىر ئاياغلاشتى. قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىككى 100يىللىق كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزىرىيىسىگە يەنە «سەككىز تەلەپ» قېتىلدى، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا«5 نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تەلەپ قىلىندى،«ئۆزگىرىشچان، مۇلازىمەتچان، ئىجادچان ماركىسزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى مۇلازىمەت بۇ قېتىمقى كومپارتىيە قۇرۇلتېيىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز. «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» نىشانى بەلگىلەندى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.11.14
xitay-18-qurultay-305.png خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بىر كۆرۈنۈش
AFP


سوتسىيالىستىك كېڭەش دېموكراتىيىسى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نەزىرىيە سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ ؟ بۇ قۇرۇلتايدا مەيدانغا كەلگەن سىياسىي نەزىرىيىلەرنىڭ ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك خىتاي كومپارتىيە قۇرۇلتايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەزىرىيىلەر بىلەن يارقىن پەرقى بارمۇ ؟ بۇ نۇقتىلاردا ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئىلشات ھەسەن ۋە مەمەت توختى ئەپەندىلەرنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلاڭ.

خىتاي كومپارتىيىسى ماركىسىزم ئىدىيىسىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش جەريانىدا «ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسى» بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا يەنە «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم» دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ نەزىرىيىسنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قىبىلىنامىسى سۈپىتىدە نەزىرىيە سىستېمىسىغا كىرگۈزدى. بۇ نەزىرىيە سىستېمىسىدا خىتاي كومپارتىيىسى يەنە، دېڭ شاۋپىڭ نەزىرىيىسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت نەزىرىيىلەرنى يېتەكچى ئىدىيە قىلدى.

پارتىيە - 18 قۇرۇلتىيىدا «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنى بۇنىڭدا 2020 - يىلىغا بارغاندا شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 2012 - يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ۋەدە قىلدى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھوقۇق ئالمىشىشىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئىدىيە ۋە نىشانلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھەر نۆۋەت دەبدەبىلىك ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ خىل نەزىرىيىلىرىدە ماھىيەتلىك پەرق يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

- 18 قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنىڭ بىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 100يىل بولغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يەنە بىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 100يىل بولغاندا قۇدرەتلىك، باياشات، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش دەپ كۆرسىتىلدى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ رىئاللىقى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاجىزلىقلىرى خىتاينىڭ بۇ ئىككى يۈز يىللىق نىشانلىرىغا يېتىشىگە يول قويمايدۇ دەپ كۆرسىتىپ «ئەگەر خىتاي تۈپتىن سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغاندا بۇ نىشانلىرى پەقەت خام خىيال خالاس، ئەپسۇس بۇ قۇرۇلتايدىمۇ خىتايدا بىر ئىسلاھات بولۇشىدىن بىشارەت كۆرمىدىم» دېدى.

خىتاينىڭ ھەر 10 يىلدا ئېچىلىدىغان كومپارتىيە قۇرۇلتىيى خىتاي پارتىيە ئىچى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشىنىڭ مەيدانى، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇرۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيىسى باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدا، ئۇيغۇر ئانالىزچىلاردىن ئامېرىكىدىكى مەمەت توختى ئەپەندى، دۇنيا ئاخباراتلىرىدا مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقاندەك، بۇ نۆۋەتلىك خىتاي كومپارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ يەنىلا ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىرى بەلگىلەپ بەرگەن يولدا كېتىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىشى پەقەت«كومپارتىيە رەھبەرلىك تىزىملىكىدىكىلا ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، باشقا چوڭ ئۈمىد كۆرمىدىم» دەپ ئانالىز قىلدى.

خۇ جىنتاۋ - 18 قۇرۇلتايدا قىلغان دوكلاتىدا «ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەشكىلى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى، مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسى دەل ئاساسىي قاتلام.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.