خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىنىڭ تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئورتاقلىشىپ كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇشنى قارار قىلغان.
تۈركىيىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدىكى بىر خەۋەردە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى شى رۇيلىننىڭ بۇ ئىنىستىتۇتنى قۇرۇش مەقسىدى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىغا ئورۇن بېرىلگەن. ئۇ، باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن بىرلىكتە، باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي دۆلىتىنىڭ دۇنياۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ئېيتقان. شى رۇيلىن باياناتىدا يەنە، چەتئەلدە خىتايچە ئۆگىتىدىغان ۋە جۇڭگونى تونۇتىدىغان مەركەزلەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي، 50 دۆلەتتە 120 كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرماقچى
خىتاي دىپلومات شى رۇيلىن بۇ ئىنستىتۇتنىڭ تۈركىيىدە قۇرۇلغان تۇنجى مەركەز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: "بىز ئالدىمىزدىكى يىللاردا 50 دۆلەتتە 120 كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرماقچى. بۇ خىتايچە ئۆگىتىدىغان بىر كۇرس ياكى مەكتەپ ئەمەس، پۈتۈن خەلق كېلىپ پايدىلىنالايدىغان مەدەنىيەت مەركىزىدۇر. بۇ ئىنىستىتۇتتا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار خىتايدىن كېلىدۇ، خىتاي تىلىدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ يېمەك- ئىچمەكلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ تونۇشتۇرىدۇ." كۇڭزى مەركىزى ئېچىلىدىغان ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئۇرال ئاقبۇلۇت باياناتىدا بۇ مەركەزنىڭ 2007-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېچىلىدىغانلىقىنى ۋە ئېچىشتىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىنستىتۇت بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە رەسمى ئېچىلىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق. ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن بولغان ئالاقىمىز بىز ئارزۇ قىلغان سەۋىيىدە ئەمەس، شۇڭا بۇ مەركەز خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن."
خىتاينىڭ بۇنداق بىرى ئىستراتېگىيىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىدى نېمە؟
ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى ئۇرال ئاقبۇلۇت ئۆز باياناتىدا يەنە بۇ مەركەزدە خىتاي تىلىنىلا ئۆگىتىپ قالماستىن، بەلكى خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي، سىياسىي تەرەققىياتىنىڭمۇ ئۆگىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2007-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا كوڭفۇزى ئىنستىتۇتى مەركىزى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەركەز تارمىقىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوڭفۇزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇلىدىكەن. مەركەزلەرنىڭ تۇنجىسى كورىيەدە، ئىككىنچىسى پاكىستاندا ئېچىلغان بولۇپ ئاۋسترالىيە، رۇسىيە ۋە تۈركىيىدىكى قۇرۇلۇش تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن.
خىتاينىڭ بۇنداق بىرى ئىستراتېگىيىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىدى نېمە؟ بۇنىڭغا دۇنيا دۆلەتلىرى قانداق قارىشى مۇمكىن ؟ دېگەنگە ئوخشاش بىر يۈرۈش مەسىلىلەر بويىچە دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈن دۇنيانىڭ قىممەت قارىشىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئىكەنلىكىنى، كۇڭزى پەلسەپىسىنىڭ دىكتاتورلۇقنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر پەلسەپە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەركىن تارىم)