خىتاي دائىرىلىرى كانادانىڭ ھەر قايسى شىتات ۋە شەھەرلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە كۇڭ زى ئىنىستىتۇتى قۇرۇش قەدىمىنى تىزلەتكەنلىكتىن، خىتاينىڭ بۇ غەيرى ھەرىكىتى كانادا خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە كانادا جامائىتىنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتتى. خىتاي دائىرىلىرى كانادادىكى تۇنجى كۇڭ زى ئىنىستىتۇتىنى 2005-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋانكوۋېرغا جايلاشقان برىتىش كولۇمبىيە تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا ئاچقان ئىدى. بۇ خىل ئىنىستىتۇت 3 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كانادانىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرگە كېڭەيدى.
خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردە تىز سۈرئەتتە قۇرۇۋاتقان كۇڭ زى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئورگاننىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش،سودا ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش شۇنداقلا خىتاي تىلىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئورگاننى قۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ سەرپ قىلىشى كىشىلەردىكى گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
خىتاي يۇمشاق ۋاستىلار ئارقىلىق غەربلىكلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلماقچى
كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان، كانادا خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ مەخپىي دوكلاتىدا " خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەردە كۇڭ زى ئىنستىتۇتىنى قۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىشتىكى مەقسىتى پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى سىڭدۈرۈش شۇنداقلا بۇ يۇمشاق ۋاستە ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلىپ،غەربلىكلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش" دېيىلگەن.
كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا "كۇڭ زى ئىنىستىتۇتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز ئىدېئولوگىيىسى ۋە سىياسەتلىرىنى چەتئەللەرگە كېڭەيتىدىغان مۇنبەر شۇنداقلا خىتاينىڭ مەدەنىيەت ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشتىكى قورالى" دېيىلىدۇ. دوكلاتتا خىتاينىڭ كانادادا تىز سۈرئەتتە قۇرۇۋاتقان كۇڭ زى ئىنستىتۇتلىرىنى ئېنىق قىلىپ، جاسۇسلۇق ئورگان دەپ ئاتىمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ تۈر-شەكىللىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي جاسۇسلىرى كانادا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كانادا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىم جۇدد كانادا پارلامېنتىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى جىددىيلەشتۇرگەنلىكى، كانادا خەۋپسىزلىك ئورگىنىدىكى خادىملارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خىتاينىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى باش ئەلچىخانىسىدا 1-دەرىجىلىك سىياسىي كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان چەن يۇڭلىن، 2005 -يىلى خىتاي دائىرىلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە 1000 دىن ئوشۇق جاسۇسىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
چەن يۇڭلىن بۇ قېتىم كانادا خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ دوكلاتى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردە كۇڭ زى ئىنستىتۇتلىرىنى تىز سۈرئەتتە كۆپەيتىشتىكى مەقسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ:"چەتئەللەردىكى كۇڭ زى ئىنىستىتۇتلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىۋاستە كونترول قىلىنىدۇ. بۇ ئىنىستىتۇتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆزلىرى بىر قوللۇق تاللاپ بېكىتىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى بۇ ئورگان ئارقىلىق چەتئەللەردە خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ ئارقىسىغا سىياسىي مەقسەت يوشۇرۇنغان،" دېدى.
كۇڭ زى ئىنىستىتۇتى خىتاينىڭ چۈمپەردىسىدۇر
سابىق خىتاي دىپلوماتى چەن يۇڭلىن خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى كۇڭ زى ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆپكە كۆرسىتىپ قۇيرۇق ساتىدىغان ئورگان ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ئورگان ئارقىلىق "ئات ئايلىخانغا يول سارىخانغا" دېگەندەك سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ: "تىل ئۆگىتىش بىر خىل ۋاستە. خىتاينىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى تەشۋىق قىلىش، كىشىلەرگە بۇ ئىدېئولوگىيىنى سىڭدۈرۈش ۋە بۇ دۆلەتلەردە سىياسىي تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشتۇر. كۇڭ زى ئىنىستىتۇتى خىتاي ئۈچۈن بىر چۈمپەردە،" دەيدۇ. ئۇ سۆزىدە، بۇ ئورگاننىڭ كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش ئورنى ئىكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ.
خىتاي كوممۇنىستلىرى كۇڭ زىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلماقتا
كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئائىلېن مىككابېنىڭ "سودىگەرلەرنىڭ قولىدىكى سىرلىق قورال - خىتايچە سۆزلەيدىغان سەتەڭ" ناملىق ماقالىسىدە كۇڭ زى ئىنىستىتۇتى ھەققىدىكى گۇمانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭدا: "خىتايلار ماۋ زېدۇڭنى تاللىسا بولاتتى، خۇددى تيەنئەنمىننىڭ پىشانىسىگە ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىپ قويغاندەك. ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم ماركىسىزم ئىدېئولوگىيىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كۇڭ زىنى تاللىدى. ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى ئۆتكەن بىر پەيلاسوپنى ئۆزلىرىگە "مەدەنىيەت ئەلچىسى" قىلماقچى بولدى، بۇسى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ "دەپ يازىدۇ.
كانادا بروكك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى، خىتايشۇناس چارلەس بۇرتون بولسا گلوبە ئاند مائىل گېزىتىگە يوللىغان خېتىدە " مەن كۇڭ زى ئەسەرلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى كىتابلارنى ئەڭ كۆپ ئوقۇغان بىرىمەن. مەن ھېچ بولمىغاندا، ئەگەر كۇڭ زى بۈگۈنكى كۈندە ھايات بولغان بولسا،ئۇنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوللىماي قالمايدىغانلىقىنى دەپ بېرەلەيمەن. ئەمما يەنە، ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىشكە ئىلتىماس سۇنمايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن دەلىللەرنى كەلتۈرەلەيمەن، دەپ يازىدۇ.
كانادا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا يۇمشاق ۋاستىلار ئارقىلىق غەرب دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىشنى جىددىيلەشتۈرىۋاتقانلىقىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. (كامىل تۇرسۇن)