0:00 / 0:00
يېڭى يىل ھارپىسىدا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى زىياپەتكە چاقىرىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھەر قانداق پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىقىنى تەشۋىق قىلغان.
گەرچە "يېڭى يىل مەرىكىسى" گە قاتناشقان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن بۇ ھەقتە سورىماقچى بولغان بولساقمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدۇق. ھەم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋرو – ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى باشلىقىنى زىيارەت قىلدۇق.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نازۇگۇمدىن ئاڭلاڭ.