2 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىدىكى ماتتېل شىركىتى ئېلان قىلغان چاقىرىققا ئۇلاپلا، 3 - ئاۋغۇست كۈنى ياۋرۇپا بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا زەھەرلىك ماددا تەركىۋى بولغانلىقى سەۋەپلىك، خىتاي ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا مىقياسىدا خىتاي ماللىرىدىن ھەزەر ئەيلەش ۋە خىتاي ماللىرىنى قايتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، باش شىتابى نەۋ - يوركتىكى ماتتېل شىركىتىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان تەركىۋىدە زەھەرلىك ماددا بولغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرى سانىنىڭ 20 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى قايتا ئېلان قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرى ھەم بىخەتەرلىك تارماقلىرى يەنە بىر قېتىم دولقۇن قوزغاپ، خىتاي بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش شامىلىنى يەنە بىر بالداق كۈچەيتىۋەتتى.
كىشىلەر ياۋرۇپا بىرلىكىدىن خىتايغا قارشى ئەمەلىي تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلماقتا
پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ %85 ئى خىتايدا ئىشىنىدىكەن. ماتتېل شىركىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىپ ياۋرۇپا ئەللىرىگە كىرگۈزگەن ئويۇنچۇقلارنىڭ %80 ئى خىتاينىڭ ماللىرى ئىكەن. گېرمانىيىدە خىتاي بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئەندىشىسى كۈچەيگەندىن كېيىن، ماتتېل شىركىتىنىڭ بېرلىندىكى شۆبە ئورگىنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا چۈشەنچە بېرىپ، بىزنىڭ بۇ قەدەر كۆپ مالنى يىغىۋېلىشىمىزدىكى سەۋەپ، بىر تەرەپتىن ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خېرىدارلىرىمىزنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقتىن ئىبارەت، دېگەن.
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن باش كۆتەرگەن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى پائالىيەتلەر تازا ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر چاغدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ سەتچىلىكلەر، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوبرازىنى قاتتىق يەرگە ئۇرغان. نۇرغۇن ئىستېمالچىلار بۇ ۋەقە تۈپەيلى پىكىر بايان قىلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ نوقۇل ئىقتىسادى مەسىلە دائىرىسىدە چەكلىنىپ قېلىشىنى قوبۇل كۆرمىگەن. ياۋرۇپا بىرلىكى ياۋرۇپا پۇقرالىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىگە دۇچار بولغان. كىشىلەر ياۋرۇپا بىرلىكىدىن خىتايغا قارشى ئەمەلىي بىر تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋاپكارلىقنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 19 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋرۇپا بىرلىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىملىرى بۇ سەۋەبتىن جىددىي يىغىن چاقىرىپ، خىتاي تاۋارلىرىغا قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىنى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلغان. ياۋرۇپا بىرلىكى سودا كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ماندېلسۇن ئەپەندىنىڭ باياناتچىسى "يالغۇز خىتاي زاۋۇتلىرىلا ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭ جاۋابكارلىرىنى زىممىسىگە ئېلىشى، خىتاينىڭ ياۋرۇپاغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان تاۋارلىرىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك" دېگەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 16 - ئاۋغۇست كۈنى ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ جىددىي ئەھۋال مەلۇم قىلىش سېستىمىسى، خىتاي ماللىرى ئىچىدىكى يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك ئويۇنچۇقلارنىڭ مودىلىنى ۋە تۈرلىرىنى ئېلان قىلىپلا قالماي، ئەنگلىيە تەرەپمۇ 17 - ئاۋغۇست كۈنى ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتاي زەھەرلىك ئويۇنچۇقلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ خەۋەر يوللىغان. ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ بەزى خادىملىرى، يالغۇز خىتاينىڭ زاۋۇتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپلا قالماستىن، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلغان ماتتېل شىركىتىنى ھەمدە ياۋرۇپا بىرلىكى سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگىنى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىمۇ بىخەستەلىكتە ئەيىپلىگەن. ئۇلار ھەرقانداق تاۋارنى، بولۇپمۇ خىتاي تاۋارلىرىنى كىرگۈزگەندە، سۈپەت تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان پۈتۈن ياۋرۇپا ئەللىرىنى دەرھال خەۋەرلەندۈرۈشكە چاقىرغان.
كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۈمكىن
مۇخبىر باربارا ۋەسەلنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىدىن ئىگىلىگەن 19 - ئاۋغۇستتىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ياۋرۇپا بىرلىكى ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئورگىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ئالدىمىزدىكى ئىككى ئاي ئىچىدە مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلمىسا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئېتىبار بەرمىسە، 11 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن خىتاي باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۈمكىن، دېگەن بىشارەتنى بەرگەن.
ھازىر ياۋرۇپا تەۋەسىدە خىتايدا ياسالغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرى مەسىلىسى بىر ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي مەسىلە دەرىجىسىدىن ھالقىپ، سىياسىي مەسىلە دەرىجىسىگە ئۆرلەپ بارماقتا. گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 19 - ئاۋغۇستقىچە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتاي تاۋارلىرىغا بولغان ئەندىشىسى يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، گېرمانىيە ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن، گېرمانىيە ھۆكۈمەت تەرەپ، ھەر قانداق خىتاي تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلغاندا، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە قاراپ ئولتۇرماستىن، تاۋارلارنىڭ تېخنىكىلىق سۈپىتىنى تەكشۈرىدىغان ۋە ئىشلىتىلگەن ماددا تەركىۋىنى تەكشۈرىدىغان يەنە ئىككى ئورگان تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان.
ھازىر ياۋرۇپا بىرلىكى تەركىۋىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ جەمئى 30دىن ئارتۇق دۆلەتتە خىتاي بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە جىددىي مۇنازىرىلەر قانات يايماقتا. (ئەكرەم)