خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئويۇنچۇقلار تۈركىيىدىمۇ يىغىۋېلىنماقتا


2007.08.22

ئامېرىكىدىكى ماتتېل شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان" سارگى" ئىسىملىك ئويۇنچۇق ماشىنا ۋە " باربي ئاند تاننەر" ئىسىملىك قونچۇقلىرى تۈركىيىدىكى بالىلارنىڭمۇ ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلىرى ئىدى. ئەمما بۇ ئويۇنچۇقلاردا بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان بېرىدىغان ماددىلار بايقىلىپ، بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىشى چەكلىنىپ ، سېتىلغانلىرى يىغىۋېلىنىشقا باشلانغان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن ماتتېل شىركىتىنىڭ تۈركىيىدىكى ئويۇنچۇق دۇكانلىرىمۇ بۇ ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋېلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىدىكى بۇ شىركەت خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان بىر يېرىم مىليون ئويۇنچۇقنى بازارلاردىن توپلاش قارارى چىقارغان ئىدى. ماتتېل شىركىتى ئويۇنچۇقلاردا ئىشلىتىلگەن بوياقتا سىماب بارلىقىنى بايقاپ، خىتايدىكى ئىشلەپ چىقارغۇچى زاۋۇتنى ئەيىپلىگەن ئىدى. بۇ ئەھۋاللار مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن خىتايدىكى بۇ ئويۇنچۇقلارنى ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇتنىڭ باشلىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئىدى. ئۇنداقتا بۇ ئويۇنچۇقلاردا بايقالغان سىماب بالىلارغا قانداق خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇ ھەقتە بالىلار دوختۇرى ئۆندەر ئاكسۇ ئەپەندى مەلۇمات بەردى.

تۈركىيىدىكى ئويۇنچۇقلارنىڭ كۆپى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئويۇنچۇقلارنىڭ سالامەتلىككە زىيان بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر تۈركىيىدە ئەنسىزلىك ياراتتى. خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئويۇنچۇقلار زادى قانچىلىك؟ بۇ ھەقتە تۈركىيە - خىتاي تىجارەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى ياۋۇز ئوناي ئەپەندى مەلۇمات بەردى.( ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.