" ۋال - مارت سىزگە خىتايدىن ئېلىپ كەلگەن رودژىستىۋا"


2007.12.13

رودژىستىۋا بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكىدا بۇ بايرام ئۇچۇن سودا ‏- سېتىق ئىشلىرى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئامېرىكىدىكى سودا بازارلىرى مال باھاسىنى تۆۋەن چۈشۈرۈپ بايرام مەزگىلىدىكى سودا پەيتىنى كۈتۈۋېلىشقا تىرىشماقتا. ھالبۇكى، بەزى سودا بازارلىرىدىكى ئەرزان باھالىق رودژىستىۋا بېزەك بۇيۇملىرى قەيەردىن كەلگەن ۋە قانداق مۇھىتتا ئىشلەنگەن؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش ۋە ئامېرىكىدىكى خېرىدارلارنى بۇ جەھەتتە مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۇچۇن نيۇ يوركقا جايلاشقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات دۆلەتلىك ئەمگەك كومىتېتى " ۋال مارت سىزگە خىتايدىن ئېلىپ كەلگەن رودژىستىۋا" دېگەن تېما ئاستىدا بىر دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلدى.

دوكلات جەمئىي 60 بەتلىك بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە جايلاشقان 8 مىڭ ئىشچىغا ئىگە خۈەنيا سوۋغات بۇيۇملىرى شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى زاۋۇتتىن ئوغرىلىقچە تارتىلغان سۈرەتلەر بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.

ئۆسمۈرلەر ئاز مائاش بىلەن كۈنىگە 12 - 15 سائەت ئىشلەيدۇ

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشلەنگەن ئەرزان باھالىق رودژىستىۋا سوۋغات بۇيۇملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش گۇرۇھى ۋال مارت گۇرۇھى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنغان. ئەڭ ئەجەللىك يېرى، بۇ سوۋغات بۇيۇملىرى ئۆسمۈر ئىشچىلارنى مائاشنى تۆۋەن بېرىپ كۈنىگە 12 - 15 سائەت ھەپتىسىگە 7 كۈن ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئىشلەنگەن.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 4 مىڭ نەپەر ئىشچى ھەپتىسىگە 105 سائەتتىن 95 سائەتكىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەپتىسىگە 55 سائەت قوشۇپ ئوشۇق ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئەمگەك قانۇنىدىكى چەكتىن 50 نەچچە پىرسەنت ئېشىپ كېتىدىكەن. ئۇ يەنە، زاۋۇتتا بالىلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: "بۇ زاۋۇتتا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىشقا سېلىنغانلىقى بىزنى بەك چۆچۈتتى،" دەيدۇ.

دوكلات مەزكۇر زاۋۇتتىن ئوغرىلىقچە تارتىپ كېلىنگەن فوتو سۈرەتلەر، ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوشۇپ ئىشلەشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى قاتارلىق نۇرغۇن قول ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىپ ئىنتايىن قايىل قىلارلىق تەييارلانغان.

چارلى كارنىگان :" بۇ زاۋۇتتىكى ئىنسان ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ "

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختالغان ئەمگەك كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى چارلى كارنىگان ئەپەندى، مەقسىدىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە قارىتا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە خىتايدىكى بۇ زاۋۇت رودژىستىۋا بېزەك بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ زاۋۇت بولۇپ، بۇ زاۋۇتتىكى ئىنسان ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: " بۇ زاۋۇت چوڭ زاۋۇت بولغاندىن كېيىن ئەمگەك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ زاۋۇتتا خىتايدىكى ئەمگەك قانۇنىغا ئالاقىدار ماددىلارنىڭ ھەممىسى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا ۋال - مارت بۇ يەردە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى چوقۇم بىلىشى كېرەك."

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، زاۋۇتتا يۈز بەرگەن قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن ئەمەس، بەلكى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەتتا ئىشچىلار قوشۇمچە ئىشلەش ئىلتىماسىغا قول قويۇشقا مەجبۇرلانغان ئىكەن.

خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە ئەمگەك قانۇنىغا ئالاقىدار بىر قانۇن بەلگىلەش كېرەك

خىتايدىن ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى، سۈپەت مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا ‏- خىتاي سودا ئالاقىسىدا ئامېرىكا تەرەپتە كۆرۈلگەن نەچچە مىليارد دوللار قىزىل رەقەم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىنتايىن جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەت ئاشكارىلانغان رودژىستىۋا دەرىخى بېزەكلىرىنىڭ خىتاي ۋە خەلقئارا ئەمگەك قانۇنلىرىغا خىلاپ ھالدا ئىشلەنگەنلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خادىملىرى ئارىسىدا خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە ئەمگەك قانۇنىغا ئالاقىدار بىر قانۇن بەلگىلەش ئىدىيىسىنى كۈچەيمەكتە.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 12 ‏- دېكابىر چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا دېموكرات پالاتا ئەزاسى بايرون دورگان ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىن ئېچىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دوكلاتنى تونۇشتۇردى ۋە بىر قىسىم ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشچىلار ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىدىغان زاۋۇتلار ھەققىدە بىر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ماقۇللانسا، ئامېرىكا فېدېرال سودا كومىتېتىغا ئەمگەك قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىشلارنى تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

" ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە يول قويۇش ئادالەتسىزلىك "

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىندا دورگان ئەپەندى " ۋال مارت سىزگە خىتايدىن ئېلىپ كەلگەن رودژىستىۋا" ناملىق دوكلاتنى تونۇشتۇرۇپ، ئىشچىلارنىڭ خىتاي ئەمگەك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنىڭ يېرىمىچىلىك ھەق ئالىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ سائەتلەپ ناچار ئەمگەك مۇھىتىدا ئىشقا سېلىنغانلىقىنى، شۇنداق مۇھىتتا ئىشلەنگەن ماللارنىڭ ئەرزان باھادا ئامېرىكا بازارلىرىغا سېلىنىشى ئامېرىكا سودا ساھەسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماستىن، بەلكى بىر ئادالەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى؛ " بىز بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭغا قارىتا چوقۇم ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىرىنچىدىن ئىشچىلار ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىدىغان زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە يول قويۇش بۇ بىر ئادالەتسىزلىك. ئىككىنچىدىن بۇنى ھەرگىزمۇ بىر ئادىل رىقابەت دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ."

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي ۋە باشقا ئامېرىكىغا سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە شۇ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئېلىپ بارىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ئەمگەك قانۇنى ۋە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەمگەك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىزچىل ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇشۇ ھەقتە بىر قانۇن لايىھىسى ماقۇللىنىش زۆرۈر بولۇپ، بەلكىم 2008 - يىلى شۇنداق بىر قانۇن مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.