0:00 / 0:00
تۈركىيىنىڭ قەيسىرى ۋىلايىتى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا، خىتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان خىتاي مەدەنىيەت كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ مەدەنىيەت كۈنىدە خىتاي مەدەنىيىتى، يەمەك - ئىچمەكلىرى، خىتاي تىياتىرى ۋە خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىنماقچى ئىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سىيىت تومتۈرك ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلىدى.