خىتايدا ھازىر قانداق مەدەنىيەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ؟


2007.05.29

5 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'يېڭى ئەسىر جۇرنىلى' دا، سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتەپ پروفېسسورى ۋۇمىڭ ئەپەندىنىڭ 'خىتايدا ھازىر قانداق مەدەنىيەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ' دېگەن تېمىدىكى راي سىناش دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

ۋۇمىڭ ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالىغا قارىغاندا، ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر فوند جەمئىيىتى ئۈچۈن سىياسىي نەزىرىيە -مائارىپ ساھەسىدە ئىزچىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان پروفېسسور. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي جەمئىيىتىدە ھازىر داۋاملىشىۋاتقان مەدەنىيەت رىئاللىقى ھەققىدىكى راي سىناشنىڭ نەتىجىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ناھايىتى كۆپ پەرق قىلىدۇ.

ھازىر رەھبىرى كادىرلار ئىچىدە 'ماركىسىزمغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم' سانى 'ماركىژمغا ئىشىنىدىغان ئادەم سانىدىن 3 ھەسسە كۆپ

ۋۇمىڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا مەلۇم بىر ئورگان 200 دىن ئارتۇق ناھىيىدىكى باشقارما ياكى ناھىيە ۋە نازارەت ياكى ئىدارە دەرىجىلىك كادىرلار ئىچىدە راي سىناش ئېلىپ بارغاندا، 175 كىشىدىن يازما جاۋاپ تاپشۇرىۋالغان.

بۇ راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ھازىرقى مەدەنىيەت ئەھۋالىنى 'ماركىسىزم مەدەنىيىتى' دەپ قارىغۇچىلار % 15 نى؛ ئاۋام خەلق مەدەنىيىتى' دەپ قارىغۇچىلار% 24 نى؛ 'غەرب مەدەنىيىتى' دەپ قارىغۇچىلار %7 نى ؛ ئەنئەنىدىن چەتنىگەن 'نامەلۇم مەدەنىيەت' دەپ قارىغۇچىلار %48 نى تەشكىل قىلغان. دېمەك، ھازىر رەھبىرى كادىرلار ئىچىدە 'ماركىسىزمغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم' سانى 'ماركىژىمغا ئىشىنىدىغان ئادەم سانىدىن 3 ھەسسە كۆپ.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ سانى قەتئىي ئىشىنىدىغانلارنىڭ سانىدىن 11 ھەسسە كۆپ

ۋۇمىڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ راي سىناشتا يەنە، ھازىرقى رەھبىرى كادىرلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا يەنى ماركىژمغا بولغان ئېتىقادىنى بىلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى جاۋابمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن كۆپ يېراق بولۇپ چىققان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادى ئىنتايىن قەتئىيلەرنىڭ نېسبىتى% 5 نى؛ 'تازا قەتئىي ئەمەسلەر' نىڭ نېسبىتى % 28 نى؛ 'دېگەن گېپى بىلەن قىلغان ئىشى ئوخشىمايدىغانلار' نىڭ نېسبىتى %49 نى؛ ئېتىقاد كرىزىسى پەيدا بولدى' دەپ قارىغۇچىلارنىڭ نېسبىتى %13 نى تەشكىل قىلغان.

دېمەك، خىتايدىكى ئاساسىي قاتلام رەھبىرى كادىرلار ئىچىدە 'دېگەن گېپى بىلەن قىلغان ئىشى ئوخشىمايدىغانلار' ۋە ئېتىقاد كرىزىسى پەيدا بولدى' دەپ قارىغۇچىلارنىڭ سانىلا % 62نى تەشكىل قىلغان. بۇنداق كادىرلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادى ئىنتايىن قەتئىيلەرنىڭ سانىدىن 11 ھەسسە كۆپ.

ئەمدى كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنىڭ ئورنىنى نەگە قويۇشى لازىملىقىنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك

خىتايدا 60 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان كوممۇنىست ھاكىمىيىتى مەۋجۇت، ‏‏- دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ ۋۇمىڭ ئەپەندى ماقالىسىدە، ‏- ھۆكۈمەت دۆلەت مالىيىسىنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمىنى ماركىسىزم مەدەنىيىتى ئۈچۈن، يەنى كېيىنچە 'جۇڭگوچە سوتسيالىزم' دەپ ئاتالغان مەدەنىيەت ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماركىسىزم تەربىيىسىنى ئىزچىل ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 1989 ‏- يىلىدىن بۇرۇن خەلق بۇنداق تەشۋىقاتقا ئىشىنەتتى، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلق كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەيدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن 'دېڭ شاۋپىڭ ئىدىيىسى' دېگەن مەسلەك چىقتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىشدېگەندەك ماركىژمغا قوشۇلغان 'يېڭى تۆھپىلەر' چىقتى. دېمەك، ماركىسىزم تەشۋىقاتى پەقەت بوشاپ قالمىدى، ئەمما نېمە ئۈچۈن رەھبىرى كادىرلارنىڭ 'ماركىسىزم ئېتىقادى' بارغانسىرى بوشاپ كېتىدۇ؟ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتمۇ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن، كۇڭزىنىڭ ئادەمدە ئەمەلىي ئېتىقاد بولمىسا، ئۇنى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ' دېگەن تەلىماتىنى كوممۇنىست پارتىيە 'ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزلەش' دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئەمما يەنە نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئەنئەنىگە بېقىنمايدىغان ئاۋام مەدەنىيەت' دېگەن شەكىل چىقتى ۋە 'دېگەن گېپى بىلەن قىلغان ئىشى ئوخشىمايدىغانلار' كۆپىيىپ كەتتى؟ ئەمدى كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنىڭ ئورنىنى نەگە قويۇشى لازىملىقىنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت ھازىر دۆلەت مالىيىسىنىڭ% 68 نى سىياسىي زوراۋانلىق، ساقچى ھاكىمىيىتى ۋە جاسۇسلار ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا سەرپ قىلىپ خەلققە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ

خىتايدا كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا خەلق ئىچىدىكى يېڭى مەدەنىيەتكە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ، ‏‏- دەپ بايان قىلىدۇ ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم "خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتنىڭ خەلققە پايدا -زىيىنى نېمە؟" دېگەن كىتابىدا. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا خەلقنىڭ مائارىپ چىقىمى خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ% 10 نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەمما خىتايدا بولسا، خەلق مائارىپ چىقىمىنى ئۆزى% 100 تۆلەيدۇ. ئامېرىكىدا ئۆي باھاسى ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمىدىن 6 ھەسسە ئارتۇق، ئەمما خىتايدا بولسا، ئۆي باھاسى ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمىدىن 12 ھەسسە ئارتۇق، شاڭخەي، بېيجىڭلاردا 20 ھەسسە ئارتۇق.

شۇڭلاشقا، خەلق ھازىر كوممۇنىست پارتىيە يولغا قويۇۋاتقان مائارىپ ئىسلاھاتى ئاتا-ئانىلارنى ساراڭ قىلىدىغان ئىسلاھات؛ ساقلىقنى ساقلاش ئىسلاھاتى ياشانغانلارنى ئۇ دۇنياغا تىزراق ئۇزىتىدىغان ئىسلاھات؛ ئۆي-زېمىن ئىسلاھاتى خەلقنىڭ يانچۇقىنى پۈتۈنلەي قورۇتىدىغان ئىسلاھات، دەۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ھازىر دۆلەت مالىيىسىنىڭ% 68 نى سىياسىي زوراۋانلىق، ساقچى ھاكىمىيىتى ۋە جاسۇسلار ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا سەرپ قىلىپ خەلققە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ.(ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.