ياۋروپا بازارلىرى يەنە خىتاي ماللىرىغا تولدى

0:00 / 0:00

ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توقۇمىچىلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قالغان 50 مىليون ئورام توقۇمىچىلىق مېلىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشى رۇخسەت قىلىندى. گېرمانىيە چەتئەللىكلەر مەسلىھەت كېڭىشى ميۇنخېن شۆبىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.