0:00 / 0:00
تۈركىيىنىڭ سانائەت ۋە ساياھەت شەھىرى بولغان ئىستانبۇل شەھىرى ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇر. ئىستانبۇلنىڭ مەركىزى ساياھەت رايونى بولغان ئىستىقلال كوچىسىنىڭ يوللىرىغا ياتقۇزۇلغان خىتاي گرانىت تاشلىرى قومۇرۇپ تاشلانغان.
ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى قادىر توپباش قۇرۇلۇشنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يولغا ياتقۇزۇلغان گرانىت تاشلارنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تاشنى ئېلىپ تاشلاپ، يەرلىك تاش ياتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.