خىتاي ماللىرى تۈركىيىنى ئەندىشەگە سالماقتا
2006.03.06
تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسى خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيە بازارلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقى توغرىسىدا دوكلات ھازىرلىغان بولۇپ، دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2005- يىلى تۈركىيىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي ماللىرىنىڭ قىممىتى ئىككى مىليارد دوللاردىن ئاشقان.
ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسى تۈركىيىگە كىرىۋاتقان خىتاي ماللىرى ھەققىدە بىر دوكلات ھازىرلىدى. بۇ دوكلاتقا تۈرك مەتبۇئاتلىرى كەڭ-كۆلەمدە يەر بەردى. تۈركىيە سودا ئۇيۇشمىسى تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ دەسلەپتە تۈركىيىگە ھەر خىل سۈپەتسىز ماللىرى بىلەن كىرگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا خىتايلارنىڭ يۇقۇرى تېخنولوگىيىلىك ماللار بىلەن تۈركىيە بازىرىنى بېسىۋالغانلىقى يېزىلغان. شۇنداقتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي ماللىرىغا قارشى جىددى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى كابېنتى يېقىندا بۇ ھەقتە مەخسۇس يىغىن چاقىرىدىكەن.
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىستانبۇلدا خىتاي گرانىت تاشلىرى قومۇرۇپ تاشلاندى
- ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئاياغلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا چەكلىمە قويىدۇ
- ھايۋانلارنى قوغداش تەشكىلاتى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتاي ئەتكەس ماللىرى "تۈرك مېلى" نامىدا ياۋروپاغا سېتىلىشقا باشلانغان
- "خىتاي ماللىرىغا قارشى سەددىچىن سېپىلى ياسايلى"