خىتاي ماللىرى خەۋپى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە

0:00 / 0:00

تۇرك ئىستىمالچىلىرىنىڭ سۈپەتسىز، ئەرزان خىتاي ماللىرىنى تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيىنى ھەققىدە تۈركىيە پارلامېنتىغا بەرگەن ئىلتىماسى بويىچە، تۈركىيە پارلامېنتى خىتاي ماللىرىنى كۇن تەرتىپىگە قويدى.

پارلامېنت ئەزاسى ياھيا ئاكمان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپىنىڭ بىلگىنىدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى دېدى. ياھيا ئاكمان سۆزىدە يەنە گەرچە خىتاي ماللىرىغا قارشى تەدبىرلەر ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە بولمايۋاتقانلىقىنى، بۇ ماللارغا قارشى سىستېمىلىق ۋە ئىزچىل تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ماللىرى ھەر خىل يوللار بىلەن سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تۈركىيىگە كىرمەكتە

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزاسى ياھيا ئاكمان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، تۈرك ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ماللىرىغا قارشى قاتتىق تەدبىر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي مېلىنىڭ ھەرخىل يوللار بىلەن تۈركىيە بازىرىنى بېسىۋېلىشقا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئەزان ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان، دۇنيا ئۆلچەملىرىگە توشمايدىغان سۈپەتسىز خىتاي ماللىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دولەتلىرىگە كىرگىنىدەك تۈركىيىگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىرمەكتە. تۈركىيە تاشقى سودا مىنىستىرلىكى، تۈركىيە تاموژنا ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەر خىتاي ماللىرىغا قارشى ھەرخىل تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىشىكتىن قوغلىۋەتسەڭ تۈڭلۈكتىن كىرىپتۇ، دېگەندەك خىتاي ماللىرى ئەمدى بىۋاستە ئەمەس، باشقا يوللار بىلەن كىرىدىغان بولدى.

ئۇ، خىتاي ماللىرى باشقا قايسى يوللار بىلەن كىرىشكە باشلىدى، دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزگە قارىغاندا، خىتاي ماللىرى بەزى ۋاقىتلاردا ئۇكرائىنىيە ۋە رۇسىيە ئارقىلىق، ھەتتا ياۋروپا بىرلىكى دۆلەتلىرى بولغان گرېتسىيە ۋە ئىتالىيە ئارقىلىقمۇ كىرىدىكەن. مەسىلەن، خىتايدىن ئىتالىيىگە ئىمپورت قىلىنغان مال يەشىكى ئېچىلماي تۇرۇپلا تۇركىيىگە ئېكسپورت قىلىنغان. تۈركىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تاموژنا بىرلىكى توختامنامىسى بولغاچقا ئۇ ماللار ئاسانلا تۈركىيىگە كىرىپ كەتكەن. ھازىر خىتاي ماللىرىنىڭ بۇنداق يول بىلەن كىرىپ كېتىشىنى توسۇشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتىمىز.

خىتاي ماللىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك

پارلامېنت ئەزاسى ياھيا ئاكمان خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

بىز بۇ يەردە بىر قانچە مەسىلىگە دۇچار بولۇۋاتىمىز. بۇلاردىن بىرىنچىسى، خىتاي ماللىرىنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە، مۇھىتقا ۋە ئىستېمالچىلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيىنىدىن ئىبارەت. ئىككىنچىسى، تۈركىيە نۇرغۇن ساھەلەردە ماركىلىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق ۋە ئېلىكترىك سايمانلار ساھەسىدە دۇنيادا تونۇلۇشقا باشلىدى. توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىمىزنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا سېتىۋاتىمىز. خىتاي ماللىرىنىڭ دۇنياغا جۈملىدىن تۈركىيىگە بېسىپ كىرىشى بىزنىڭ سانائەتلىرىمىزگە ئېغىر زىيان بەرمەكتە. شۇنداقلا تۈركىيىدە ئىشسىزلىقنىڭ ئارتىشىغا سەۋەبچى بولماقتا. ھەتتا بەزى كارخانىچىلىرىمىز ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدا زاكاز قىلىپ تۈركىيىدە ساتماقتا. بۇمۇ ئىشسىزلارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولماقتا. شۇڭا خىتاي ماللىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك.

خىتاي ماللىرىغا قارشى كونكرېت نېمىلەرنى قىلىشنى ئويلاۋاتىسىلەر دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بەرگەن ياھيا ئاكمان مۇنداق دېدى:

بۇ مەسىلىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىشنى ئويلاۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنى خىتاي مېلىنى ئالماسلىققا چاقىرىمىز. خىتاي ماللىرى ھەققىدە بىزگە كەلگەن ئەرزلەرنىڭ كۆپى خىتاي ماللىرىنىڭ ئالغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇزۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈستىدە بولدى. ئەزان بولسىلا بولدى، دەپ ئالغان ماللار بىزگە ھېچبىر پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا ئىستېمالچىلارنى قوغداش جەمئىيەتلىرىمىزنىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇشكە تىرىشىمىز.