خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئويۇنچۇقلار خەۋپ يارىتىۋاتىدۇ


2006.10.11

Star Online تور بەتىدە "خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئويۇنچۇقلار خەۋپ يارىتىۋاتىدۇ" ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان شۇنداقلا ھېچبىر بىخەتەرلىك تەدبىرى ۋە سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ئويۇنچۇقلار بالىلار ئۈچۈن خەۋپ يارىتىۋاتىدۇ، تۈركىيە رەفىك سايدام سەھىيە دوختۇرخانىسى بىر خىزمەت پىلانى تەييارلىدى، دېيىلگەن. خەۋەردە بۇ ئىش پىلانىنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قوللاۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان:

"خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بويۇملار باشقا ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا ئويۇنچۇق ساھەسىدىمۇ كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا. ئەمما بۇ قېتىم تىجارى جەھەتتىن ئەمەس، بالىلار ئۈچۈن ياراتقان خەۋپى جەھەتتىن كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. شۇڭا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئويۇنچۇقلارنىڭ تۈركىيە بازىرىغا كىرىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەفىك سايدام دوختۇرخانىسى ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خىتاي ئويۇنچۇقلىرى ھەققىدە ئويۇنچۇق بىخەتەرلىكى ناملىق خىزمەت پىلانىنى تۇزۇپ چىقتى. بۇ پىلان ياۋروپا بىرلىكى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن".

بۇ ئىش پىلانى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىش پىلانىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتىللا ساكا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ياۋروپا بىلىكىگە ماسلىشىش پىلانىمىز ئىچىدە سەھىيە مىنىستىرلىكى بەزى قارارلارنى چىقاردى. بۇ قارارغا ئاساسەن خىتايدىن كەلگەن ئويۇنچۇقلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تەكشۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى. بۇ مەقسەت بىلەن بىز ‘ئويۇنچۇق بىخەتەرلىكى’ ئىسمى ئاستىدا بىر خىزمەت پىلانى تۇزۇپ چىقىپ ياۋروپا بىرلىكىگە سۇندۇق. ئۇلارمۇ بۇ پىلانغا قوشۇلدى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر پۇتۇن تەيارلىقلىرىمىز ئاخىرلاشتى. يېقىندا رەسمىي ئىشقا باشلايمىز".

ئاتىللا ساكا ئەپەندى ئويۇنچۇق بىخەتەرلىكى ئىش پىلانىدا نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:

"بۇ خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن بىز 0 -14 ياش ئارىسىدا دەرس بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ دەرس پروگراممىسىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن بىر تەلىم تەربىيە CD پىلاستىنكىسى تەييارلايمىز. بۇ ئارقىلىق بىز بالىلارغا، ئاتا–ئانىلارغا، ئويۇنچۇق ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە ئىمپورت قىلغۇچىلارغا ئويۇنچۇقنىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرى، ئويۇنچۇقلارنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكى، قانداق ئويۇنچۇقلارنى سېتىۋېلىشنى كەرەكلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز".

ئاتىللا ساكا ئەپەندى بۇ خىزمەت پىلانىغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

"بىزگە ياردەم قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئورۇنلار بار. ئۇلار بۇ تەلىم تەربىيە CD پلاستىنكىسىنى تەيارلىشىمىزغا ياردەمدە بولدى. بۇ ئورۇنلار ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى بالىلارىڭ يېتىلىشى بۆلۈمى، تۈركىيە مىللى مائارىپ مىنىستىرلىكى، پورتۇگالىيەدىن ئاكادېمىك خۇسۇسى مەسلىھەت ۋە تەتقىقات مەركىزى، ئىسپانىيەدىن ئاسىئال باشقۇرغۇچىلار بىرلىكى، ئىتالىيە ئويۇنچۇق بىخەتەرلىكى تەتقىقات ئورنى ۋە تۈركىيىدىن بەزى شىركەتلەردۇر".

بۇ ئىش پىلانىغا ياردەم بەرگەن ئورۇنلاردىن بىرى بولغان پىلسان پلاستىك ۋە ئويۇنچۇق سانائىتى شىركەتلەر گۇرۇھى باشلىقى راشىد ئاكار ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق:

"مەنچە خىتاينىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ساھەلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا كېلىدىغىنى ئويۇنچۇق ساھەسىدۇر. بىز 152 خىل ئويۇنچۇق ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان بىر شىركەت تۇرۇقلۇق خىتاي بىلەن رىقابەت قىلالمايۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئالدى بىلەن سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىمىز. سۈپەت ئۆلچەملىرىگە لايىق ئىشلەپ چىقىرىش ئېلىپ بارىمىز. شۇڭا چوڭ تۈردىكى ئويۇنچۇقلاردا خىتاي بىلەن رىقابەت قىلالىساقمۇ كىچىك تىپتىكى ئويۇنچۇقلاردا رىقابەت قىلالمايۋاتىمىز".

راشىد ئاكار ئەپەندى ئىستىمال قىلغۇچىلارنى دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:

خىتاي بۈگۈن شۇنداق بىر ھالغا كەلدى، يانى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تاشلىۋەتكەن كېرەكسىز ھام ئەشيالارنى ئىشلىتىدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئۇلار بۇ ھام ئەشيالارنى ئاپىرىپ ئويۇنچۇق ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئۇلار يەنە ئىشلىتىلىپ تاشلىۋەتىلگەن سۇلياۋ خالتىلارنى، سۇ بوتۇلكىلىرىنى يىغىپ ئەكىلىپ ئويۇنچۇق ئىشلەپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ راك كېسىلى پەيدا قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. بوياق ماددىلاردا كوربوندىيوكسىدىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. بۇمۇ راك پەيدا قىلىدىغان بىر ماددا. شۇڭا ئىستىمال قىلغۇچىلار، بالىلىرىغا ئويۇنچۇق ئالغاندا ئامال بار خىتايدىن كەلگەن سۈپەتسىز ئويۇنچۇقلارنى ئالمىسۇن. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.