ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن سودا قىزىل رەقىمىنى ئازايتىپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00
CHINA-PRISON-TEXTILE-200.jpg
2005-يىلى 30-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمە خادىمى شىئەندىكى بىر مەھبۇسلار كىيىم –كېچەك زاۋۇتىدا نازارەت قىلماقتا. 2005-يىلى 30-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمە خادىمى شىئەندىكى بىر مەھبۇسلار كىيىم –كېچەك زاۋۇتىدا نازارەت قىلماقتا. 2005 يىلدىكى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، دۇنيا كېيىن - كېچەك ئەخپورتىنىڭ 28 % نى ۋە رەخت ئېكسپورتىنىڭ 15.8% نى خىتاي ئىگىلەيدۇ. AFP

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي - ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ۋە ئومۇمى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى دوكلاتى مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ سودا كومىسسارى ماندېلسون بۇ يىل 11 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنماقچى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ناھايىتى زور سودا بازىرى بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئىچكى سودا مەنپەئەتىنى قوغداش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا قۇلاق سېلىپ، ئىتتىپاقنىڭ خىتاي تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىق تۇيغۇسىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر، دەپ قارايدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارى رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا "خىتاي بۇ تەسىراتنى ئۆزگەرتىشتە مەلۇم تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ،" دەيدۇ.

ئەرزان باھالىق خىتاي ماللىرى ياۋروپادا

بىر تەرەپتىن خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىۋاتقان ئەرزان باھالىق توۋارلار ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە ياۋروپا كارخانا ساھەسىنى قورقۇتماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا كارخانىلىرى ئۈچۈن خىتاي مۇھىم سودا پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېكسپورتقا تايىنىدىغان خىتاي ئىقتىسادى ئىگىلىكىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى قامداشنى ئاساس قىلىدىغان ئىقتىسادى ئىگىلىككە ئۆزگەرتىلىشىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسارىياتىنىڭ خىتاي - ياۋروپا سودا دوكلاتى بىلەن بىرگە، ياۋروپا كومىتېتى خىتاي - ياۋروپا ئومۇمى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە يەنە بىر دوكلات ئېلان قىلماقچى. بۇ دوكلاتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ مەلۇم ساھەتلەردە بىر ئاز ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بولسىمۇ، لېكىن خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەملەرنى بېسىشقا چاقىرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

خوڭكوڭدا نەشر قىلىنىدىغان "شىنباۋ" گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى چېن جىنشياڭنىڭ ئەسكەتتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمىنى چۈشەندۈرۈشكە قىنالماقتا. ئۇ،" ياۋروپا ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ توۋار مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش نىشانى بولۇپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن بازىرىنى ئېچىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا چىقارغان ئېكسپورت مەھسۇلاتى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى 4 % ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ ئازايمىدى، ئەكسىنچە كۆپەيدى،" دەيدۇ.

ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەرزان بولۇشى خىتاي ماللىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرماقتا

چېن جىنشياڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى "خىتاي توۋارلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغانلىقىدا بولۇپ، خىتاي توۋارلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ئەمگەك تەننەرقىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەرزانلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا." چېن جىنشياڭ يەنە "ياۋروپا ئىتتىپاقى بەزى ئىمبارگو خاراكتېرلىك چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق خىتاي توۋارلىرىنىڭ ئىمپورتىنى ئازايتماقچى،" دەپ كۆرسەتتى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىشچىلارنىڭ مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقتىن، ئىشچىلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ھوقۇقى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ئاينىڭ باشلىرى 2 يىلغىچە ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان خىتاي خۇرۇم ئاياقلىرىدىن 5.16 پىرسەنت باج ئېلىشنى قارار قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىنى ئاساسى بولمىغان قانۇنسىز ھەرىكەت ۋە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتۇر،" دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توۋارلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا قارشى تەدبىر ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. چېن جىنشياڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىنى چۈشۈنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئۇ، خىتاينىڭ ئىچكى بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئىچكى ئىھتىياجنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. چېن جىنشياڭ،" نۆۋەتتە چوڭ قۇرۇقلۇقتا بانكىدىكى خەلق پۇلى ئامانىتى بىلەن چەت ئەل پېرېۋوتى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى ئېھتىياج يەنىلا ناھايىتى ئاجىز. بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادى تەرەققىياتنى نوقۇل ئېكسپورتقا تايىنىپ تەرەققى قىلدۇرۇش تەس بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مېنىڭچە ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەيتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.،" دەپ كۆرسەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھازىرغىچە خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىش يولىنى تۇتۇپ كەلدى. چېن جىڭشياڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇپمۇ ياۋروپا پارلامېنتى بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى قەتئى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. چېن جىنشياڭ، "مېنىڭچە بۇ مەسىلە سودا رىقابەتچىلىرىگە ئۇچرىغاندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان كوزۇر بولۇپ قالدى. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ياۋروپانىڭ ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ مەسىلىگە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پىكىرى بىر قەدەر كۈچلۈك،" دەيدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۈچۈن خىتايغا يۈز – خاتىرە قىلىشى مۇمكىن

ئانالىزچىلار، ياۋروپا كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىغان دوكلاتتا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ مەلۇم ساھەلەردە بىر ئاز ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن خىتاي ئوبزورچىسى لى خوڭ كۈئەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىغان. ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دوكلاتتا خىتاينى خاپا قىلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى. لى خوڭكۈئەن، "سىياسەتچىلەر ئارىسىدا چوقۇم تۆۋەندىكىدەك مۇنازىرىلەرنىڭ بولۇشى چوقۇم. يەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە بەزى ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈز ئابرويىنى ساقلاش. گەرچە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئىلگىرلىگەن ھالدا يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقدىكى بەزى سىياسەتچىلەر، بولۇپمۇ كارخانا ساھەسىدىكى كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەزى سىياسەتچىلەر خىتاينىڭ يۈزىنى قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە بەزى ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى، لېكىن بۇ يەنىلا يىتەرسىز، داۋاملىق تىرىشىش كېرەك، دەيدىغان دىپلوماتىك يۈز خاتىرە سۆزلىرىنى قىلىشى مۇمكىن،" دەيدۇ. ئۇ، " بۇ سۆزلەر كىشىلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلىۋېتىشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، دەيدىغان تەسىرات پەيدا قىلىشى مۇمكىن،" دەپ كۆرسەتتى.

ئىگىللىشىمىزچە ياۋروپا ئىتتىپاقى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىغان دوكلاتتا خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا يەر بېرىشى مۇمكىن. (ئەركىن)