يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن خىتاي ياۋروپا سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ھەر خىل پەرەزلەر ئىلان قىلىنماقتا. ئانالىزچىلار ئۆتكەنكى ئىككى يىل ئىچىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن بەزى ئىشلار بىلەن سودا ساھەسىدە پەيدا بولغان سۈركىلىشلەرنى نەزەرگە ئېلىپ، ياۋروپادا خىتاي سودىگەرلىرىگە ۋە خىتاي مالىلىرىغا قارشى بىر كايپىياتنىڭ باش كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ خىتاي ماللىرىغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ياۋروپادا خىتاي ماللىرىغا بولغان نارازىلىق كۈچەيمەكتە
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان ئامېرىكىدىن ئېشىپ كىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قاراتقان قاتتىق مەيدانى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىدا قۇدىرەت تېپىشىغا چەك قۇيۇپلا قالماي، بەلكى ياۋروپالىقلارنىڭمۇ خىتاي ماللىرى بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. 2005- يىلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان، خىتاينىڭ ئىلمە توقۇلما ماللىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىدا تۆكمە قىلىنىپ سېتىلىشىغا قارشى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تالاش تارتىشى ۋە 2006-يىلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ ئاياقلىرىغا قويغان جازالاش خارەكتېرلىك 19. 4% تاموژنا بېجى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى بولالايدىكەن.
ياۋروپالىق ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئىنتېرنېتتا ئىلان قىلغان ماقالىلىرىدىن مەلۇم بولۇشچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئاياق مەھسۇلاتلىرىدىكى توقۇنۇشى ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىلمى توقۇلما مەھسۇلاتلىرى توقۇنۇشتىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ توقۇنۇش بولۇپ، ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى تېخىمۇ چوڭايتىۋەتكەن.
خىتاي مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودىسىغا ناھايتى چوڭ بېسىم ئېلىپ كەلدى
شۋېد تىلىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئانالىزچىلار كۆز قارشلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: "خىتاي مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودىسىغا ناھايتى چوڭ بېسىم ئېلىپ كەلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ قايسى خىلدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچۇرغان بولسا شۇ خىلدىكى سودا ۋە ئىشلەپ چىقىرىش تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ، بۇ ياۋروپالىقلاردا ئومۇمى يۈزلۈك بىر خىل خاتىرجەمسىزلىك كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولماقتا. بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدىكى قىزىل رەقەمنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاتىپ بېرىشى ياۋروپالىقلانىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى قوزغاۋاتىدۇ. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆكمە قىلىنىپ سېتىلىشىغا قارشى قانۇنلارنى ۋە قوغدىنىش چارىلىرىنى تۈزىۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تالاش تارتىشى پەقەت ئىلمى توقۇلما ۋە ئاياق مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرسىدىلا بولۇپ قالماي يەنە ماشىنا زاپچاسلىرى، رەڭلىك تېلېۋىزور، قۇلپىنەك قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئارىسىدىمۇ بار. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلار ئۈستىدىنمۇ ئىزچىل ئەرىز سۇنىۋاتىدۇ".
ياۋروپا ئىتتىپاقى ستاتىستكا ئىدارىسىنىڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىلان قىلغان دوكلاتىدا ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدىكى قىزىل رەقىمى ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا 19% ئارتقان بولسا، خىتاينىڭ ياۋروپاغا قىلغان ئېكىسپورت مەھسۇلارتلىرى 20% ئېشىپ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا قىلغان ئېشپورتىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىكى پەسلىدىن باشلاپ بىر قىسىم ھالقىلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە باشلىغان. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بۈلدۈرىشىچە، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى بىر بۇرۇلۇش بولۇپ، ياۋروپانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ قاتتىقلىشىشغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاق بۇ سىياسەتلىرىدە خىتاينىڭ بازارلىنى تېخىمۇ قۇيۇۋېتىشىنى، ناتوغرا رىقابەتنى توختىتىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكىسپورت مەھسۇلاتلىرىغا بېرىدىغان قۇشۇمچە ياردىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشى تېخىمۇ بىر پەللە كۆتىرىلىشى مۇمكىن
خىتاي تىلىدىكى تور بەتلىرىدىمۇ خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ سودا مۇناسىۋىتىدىكى سۈركىلىشلەرگىمۇ كەڭ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ماقالىلاردا خىتاي مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۆلىرىدىن نەقىللەر ئېلىنغان. خىتاي مۇتەخەسىسلىرى ئومومى كۆز قارىشى مۇنداق بولغان: 2007-يىلى خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا توقۇنۇشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئەۋجىگە چىقىشى مۇمكىن.
خىتاي سودا تەتقىقات ئىنستىتۇتى ياۋروپا ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى لى گاڭ ئەپەندى مۇنداق دەپ قارىغان: 2005-يىلدىكى ئىلمى توقۇلما توقۇنۇشى ۋە 2006-يىلدىكى ئاياق مەھسۇلاتلىرى توقۇنۇشى بىزگە قاتتىق بىر سىگنال بەردى. ئەرزان ئەمگەك كۈچى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان ئېكسپورت ئەمدى ياۋروپا بازارلىرىدا ئۇزۇن پايدا يارتالمايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىدىن چىقارغان ھۆججىتىدىن قارىغاندا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركۈلىشى 2007-يىلى تېخىمۇ بىر پەللە كۆتىرىلىشى مۇمكىن".
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى: ھازىر ياۋروپادا خىتايغا قارشى كەيپىيات ئېقىمى پەيدا بولماقتا
بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرى سودا جەھەتتىكى بۇ سۈركۈلىشنى ھەتتا سىياسى جەھەتتىنمۇ تەھلىل قىلىپ، ياۋروپادا ھازىر خىتايغا قارشى كەيپىيات ئېقىمىنىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى يازغان. خىتاي خەۋەرلىرى دېگەن بىر تور بېتىدە ئىلان قىلغان خەۋەر ئانالىزىدا گېرمانىيە ۋە فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئىلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنى نەقىل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: "يېقىندا گېرمانىيىنىڭ يەتتە شەھرىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىرلىشىپ گېرمانىيىدە تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قىرىق نەچچە خىتاي شىركىتى ئۈستىدىن تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ساقچىلار بارلىق كىشىلەرنىڭ دۇكان، ئىشخانا ۋە تۇرالغۇلىرىنى تەپسىلى تەكشۈردى ھەتتا بەزى گۇمانلىق دەپ قارىغان كىشىلەرنى ساقچىخانىلارغا ئېلىپ كېتىپ سوراق قىلدى. بۇنىڭ ھەققى ئەھۋالىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن بۇ ياۋروپادا ياشاۋاتقان خىتايلارغا قارىتا ياۋروپالىقلاردا خىتاينى كەمسىتىش ئىدىيىسى مەۋجۇتمۇ دېگەن بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ بەردى".
بۇ مەسىلىگە قارىتا خىتاي ئانالىزچىلىرى مۇنداق دەپ قارىغان: "2005-يىلى فرانسىيىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىمۇ فرانسىيىدە تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ 6 مال ئامبىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بۇ ئامبارلار ئۈستىدىن فرانسىيە ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ قەستەن ئوت قۇيۇش ۋەقەسى سادىر قىلغانلىقىنى دەلىلىگەن. بۇنداق مەسىلىلەر ئىسپانىيەدىمۇ، روسىيەدىمۇ نۇرغۇن قېتىم تەكرارلاندى. دىمەك بۇ مەسىلىئەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ياۋروپادا خىتاينى كەمسىتىش ئىدىيىسى مەۋجۇت".
خىتاي ئانالىزچىلىرى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىدا دۇش كەلگەن بۇ مەسىلىرىنى خىتاي ماللىرىنىڭ سۈپەتسىز، ناچار بولىشى ۋە تىجارەت ئۇسۇلىنىڭ ناتوغرا بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي سودىگەرلىرى بىلەن ياۋروپالىقلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۈركىلىشى 2007-يىلى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. (يالقۇن)