"ساباھ" گېزىتىنىڭ 31-چېسلادىكى سانىدا "خىتاي ئىشغالى توقۇمىچىلىق ساھەسىدىن پۈتۈن ساھەلەرگە يېيىلدى" تېمىلىق خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەرنىڭ باش ئابزاسىدا توقۇمىچىلىق ساھەسىدە تۈركىيىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەن خىتاي ماللىرى ئىشغالى يېيىلماقتا، ستاتىستكىلارغا قارىغاندا ئىمپورت قىلىنغان موتسىكلىتلارنىڭ 96% ئى، ئويۇنچۇقنىڭ 93% ئى، سائەتنىڭ 76%ئى خىتايدىن، دەپ يېزىلغان.
"ساباھ" گېزىتىدىكى خەۋەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان: "توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ قورقۇنچلۇق دۈشمىنى بولغان خىتاينىڭ ئىشغالى باشقا ساھەلەرگىمۇ يېيىلماقتا. رۇسىيە ۋە گېرمانىيىدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمپورت دۆلىتى ھالىغا كەلگەن خىتاي، ئۈچ يىل ئىچىدە موتسىكلىتتىن تارتىپ ئويۇنچۇققىچە، ساپال بويۇملاردىن سائەتكىچە بولغان تۈرلۈك ساھەلەردە باشقا دۆلەتلەردىن قىلىنىدىغان ئىمپورتنى نۆلگە چۈشۈرۈپ، يالغۇز ئۆزى بۇ بازارنىڭ ئىگىسى بولدى. خىتاي موتسىكلىت ئېكىسپورتىدا بازارنىڭ 96 پىرسەنتىنى، ئويۇنچۇقتا 93% نى قولغا ئۆتكۈزۈۋالدى".
خەۋەردە يېزىلىشىچە، تۈركىيە مەركەز بانكىسى ئالدىنقى كۈنى ئاشكارىلىغان دوكلاتتا خىتايغا مەخسۇس يەر ئاجرىتىلغان بولۇپ، دوكلاتتا مۇنۇلار يەر ئالغان: "خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت دەسلەپكى كىچىك تىپتىكى شىركەتلەرنىڭ ئەزان توقۇمىچىلىق ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشىدىن بارا - بارا زورىيىپ، قۇرۇلۇش، ماشىنا، مېتال، مېتال بولمىغان كان مەھسۇلاتلىرى، ئۇچۇر-ئالاقە، ئېلېكترونىك مەھسۇلاتلار، قاتناش قوراللىرى قاتارلىق ساھەلەرگە يېيىلغان".
دوكلاتتا يېزىلىشىچە يەنە، خىتاي ماللىرى 3 يىل ئىچىدە تۈركىيىدىكى بەزى ساھەلەرنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، 2001- 2003-يىللىرى ئارىسىدا موتسىكلىت ساھەسىدە 1-8 پىرسەنت ھەسسىگە ئىگە بولغان خىتاي، 2004- يىلى بۇ ھەسسىسىنى 22 پىرسەنتكە، 2005-يىلى 64%كە، ئۆتكەن يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا بولسا بۇ ھەسسىسىنى 96% كە چىقارغان. 2005-يىلىغىچە 10-20 پىرسەنت ئارىسىدا بولغان مېتال بۇيۇملارنىڭ ئىمپورتى بولسا 94% كە چىقتى. ئويۇنچۇقتا 2000-يىلى 29% بولغان ھەسسىسى ئۆتكەن يىل 93% كە چىقتى. خىتاينىڭ بازار ھەسسىسى ۋېلىسپىت، سومكا چامدانلاردا 80 پىرسەنت بولسا، سائەت، مۇزىكا ئەسۋابلىرى، تەنتەربىيە بويۇملىرى ئىچىدە خىتاي ماللىرى بازارنىڭ تۆتتە ئۈچ قىسمىنى قولغا ئۆتكۈزىۋالدى".
خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيە بازىرىنى ئىگىلەپ كېتىشى تۈركىيە ئىقتىسادىغا زور زىيان يەتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە تۈرك خەلقىنىڭ خىتايلارغا بولغان پوزىتسىيەسىنىمۇ ئۆزگەرتمەكتە. تىجارەتتىكى بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.