ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئاياغلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا چەكلىمە قويىدۇ


2006.02.23

ب ب س ئاخبارات تورىنىڭ خىتايچە بېتىدىن مەلۇم بولۇشچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ۋە ۋېيتنامدىن كېلىۋاتقان ئېكىسپورت ئاياغ مەھسۇلاتلىرىغا يۇقۇرى باج ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن چەكلىمە قۇيۇشنى ئويلىشىۋاتاقانلىقى مەلۇم.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا ئۇلار ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلاپ خىتاي ۋە ۋېيتنامنىڭ ئاياغ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ ، بۇ بىر يىل جەريانىدا خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلغان ئاياغ مەھسۇلاتلىرى شىددەت بىلەن ئېشىپ، ئېرىشىش نىسبىتى 320% يەتكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياغ ساھاسىدىكىلەرگە باجدا ئىتبار بىرىش، ئۆسۈمسىز مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ناتوغرا رىقابەت ھادىسىسنى شەكىلەندۈرگەنلىكتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىغان. شۇڭا ئۇلار خىتاي ئاياغ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىدا تۆكمە قىلىنىپ سېتىلىشىغا قارشى يۇقۇرى باج ئېلىپ چەكلەش چارىسىنى قوللۇنىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.