خىتاي ئۇيغۇرلاردىن "ئۈچكە ئېتىبار بېرىش" نى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا
2007.01.25
"جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى" ۋە "مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى "جۇڭخۇئا مىللىتىگە، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىگە، جۇڭخۇئا ئېلىگە ئېتىبار بېرىش" تىن ئىبارەت ئۈچنى قوبۇل قىلدۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا بولغان مەنىۋى بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
"خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن ئۈچكە ئېتىبار بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا" دېگەن نام بىلەن 23 – يانۋار كۈنى "جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى" ۋە "مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى" دىن ئىبارەت خىتاينىڭ نەچچە مىليون تىراژلىق گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات، 24 – يانۋار كۈنى خىتاي تور بەتلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالغان.
مەزكۇر باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "ئۈچنى قوبۇل قىلدۇرۇش" ئارقىلىق، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خاسلىقىنى يوقىتىش، مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، زىمىن قارىشىنى يوقىتىش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان.
دىلشات رېشىت ئەپەندىم "جۇڭخۇئا مىللىتى" دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا خىتاينى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئارىسىدا ئورتاقلىق يوقلىقىنى، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭمۇ ھىچ بىر باغلىنىشى يوقلىقىنى تەكىتلىدى.
دىلشات رېشىت ئەپەندى مەزكۇر باياناتىدا جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى، دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى تەكىتلىگەندىن سىرت، "جۇڭخۇئا ئېلى" دېگەن ئاتالغۇنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى مەزكۇر باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمى خىتاي تەۋەسىدە "غەزەپلەنگەن زەرەپشان" دېگەنگە ئوخشاش فىلىملەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى تېررورىزم بىلەن قارىلاپ، پۈتۈن دۇنيانى ئالداۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۆزىنى "خىتاي" دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ
- ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان "شەرق شامىلى" قۇرۇلۇشى ئاللىقاچان بەربات بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن غەلىبە قىلامدۇ؟
- خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككىنچى ئوتتۇرا شەرق بەرپا قىلىش ئىش پىلانى
- خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ساھەسىگە قاراتقان تازىلاش ھەرىكىتى غەلبە قازىنالامدۇ؟
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكتە
- قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى بىر تىللىق مائارىپمۇ؟