دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتاينىڭ تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ تەييارلىغان خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر دوكلاتتىكى بەزى بايان ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى، بولۇپمۇ 'بۇلغانغان مۇھىتتا زەھەرلىنىپ ياش ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر ' ھەققىدىكى بايان ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشقا جىددىي توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئەمما خەلق ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنغان مەلۇماتلارنىڭ راستلىقىنى تەستىقلايدۇ.
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى مۇھىتنى بۇلغىسا خەلق بەدەل تۆلەمدىكەن؟
يېقىندا دۇنيا بانكىسى خىتاينىڭ تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەققىدە 'خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە تۆلىنىۋاتقان بەدەل' سەرلەۋھىلىك بىر تەپسىلىي دوكلات تەييارلاپ چىققان ئىدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى تەييارلىغان بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتتىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشقا جىددىي توسقۇنلۇق قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 'دوكلاتتىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلار جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن' دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى تەييارلىغان دوكلاتتا پۈتۈن يەر شارىدا مۇھىتى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان 20 شەھەرنىڭ 16 سى خىتايدا ئىكەنلىكى، خىتايدا ھەر يىلى 750 مىڭ ئادەم بۇلغانغان مۇھىتتا زەھەرلىنىپ ۋاقىتسىز ئۆلۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 'دوكلاتتىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلار جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن' دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر ھەققىدىكى بۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە بۇنداق ۋاقىتسىز ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ قايسى جايلاردا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 'پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى' بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغاندا، دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن زەھەرلىنىپ ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ۋاقتىنچە قىسقارتىشقا مەجبۇر بولغان.
ھەر يىلى 750 مىڭ ئادەم ۋاقىتسىز ئۆلۈۋاتىدۇ
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى تەييارلىغان 'خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە تۆلىنىۋاتقان بەدەل' دېگەن تەپسىلىي دوكلاتتا، خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى كۈندىن -كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ھاۋا، سۇ ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ بۇلغىنىشى خەلقنىڭ تەن سالامەتلىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تەھدىت بولۇپ قالدى.
خىتايدا ھەر يىلى بىر نەچچە يۈز مىڭ ئادەم بۇلغانغان ھاۋا ، سۇ، يېمەكلىكلەردە زەھەرلىنىپ ئېغىر كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن ھەر يىلى 750 مىڭ ئادەم ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇلغانغان ھاۋادا زەھەرلىنىپ ئۆلۈۋاتقان ئادەم سانى 394 مىڭ، يېزىلاردا بۇلغانغان سۇ ئىچىپ ئاشقازان راكى، جىگەر راكى، ياكى بۆرەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ، ياكى جىددىي ئىچ سۈرۈپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈۋاتقان ئادەم سانى 660 مىڭ، كۆمۈر ئىسىدا ياكى يېمەكلىك مايدا زەھەرلىنىپ ئۆلۈۋاتقان ئادەم سانى 300 مىڭ.
شامېندىن سۆزلەپ بېرىۋاتقان بۇ خانىم مۇنداق بايان قىلدى: بۇ شەھەردە بۇلغانغان ھاۋادىن يامان ھىدلار بۇرنىمىزغا پۇرايدۇ، نەپىسىمىز سىقىلىدۇ، بۇ ھادىسىدىن قورقىۋاتىمىز، ئەمما بۇنداق ھادىسە ھەققىدە ھېچكىم گەپ قىلالمايدۇ.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى شا يېلياڭنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادەم بۇلغانغان مۇھىتتا تۇرىۋەرسە، بەزىلەر بىر نەچچە كۈندە، بەزىلەر بىر نەچچە ئايدا، بەزىلەر بىر نەچچە يىلدا ۋاقىتسىز ئۆلۈمگە دۇچ كېلىشى تۇرغان گەپ. ئەمما تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇلغانغان مۇھىتتا زەھەرلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ سانىنى ئېنىقلاش ئاسان ئەمەس، ھازىرقى ئەھۋالدا، ھەر يىلى ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئادەم سانى 750 مىڭدىن كۆپ.
خىتاي يېزىلىرىدا 10% تېرىلغۇ يەر مېتالدىن ئاجرالغان زەھەرلىك ماددىلار بىلەن بۇلغىنىپ بولدى
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەممە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. خىتاي يېزىلىرىدىكى 10% تېرىلغۇ يەر مېتالدىن ئاجرالغان زەھەرلىك ماددىلار بىلەن بۇلغىنىپ بولدى. مېتالدىن بۇلغانغان تېرىلغۇ يەرلىرىدىكى زەھەرلىك ماددىلار دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدە ساقلىنىپ، ئۇ ئادەمنى تەدرىجى ھالدا ھەرخىل كېسەللىككە دۇچار قىلىدۇ.
بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇشىڭدۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، جۇڭگو ھازىر ئومۇمى مەھسۇلات قىممىتى جەھەتتە ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيىلەردىن قالسا 4 - ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادىي دۆلەت بولۇپ قالدى. ئەمما جۇڭگودا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئىنتايىن ئېغىر. ھۆكۈمەت ئۆزىمۇ ھازىر مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەمما ھۆكۈمەت ئۆزى ئىگە بولۇۋاتقان مەنپەئەتلەردىن ۋاز كەچكۈسى كەلمەيۋاتىدۇ.
ھۆكۈمەت ئۇزۇندىن بۇيان 'تەرەققى قىلدۇرۇش ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان بىرىنچى ئىش' دەپ تەكىتلەپ كەلمەكتە. تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۆپ مەنپەئەتكە ئىگە بولدى. ئەمما مۇھىتنى ئاسراش ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ پۇل سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ئالغان مەنپەئەتنىڭ بىر قىسمىنى بۇنىڭغا سەرپ قىلىش كېرەك ، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا پۇل سەرپ قىلىشقا كۆڭلى بارمايۋاتىدۇ.
خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ تەسىرى خەلقئارانى ۋەھىمىگە سالماقتا
رادىئومىزنىڭ ئالغان مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ تەسىرى خەلقئارانى ۋەھىمىگە سالماقتا.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يېقىندا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كېلىدىغان تەنھەرىكەتچىلەردىن ، خىتايدا بۇلغانغان مۇھىتتا زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن مۇددەتتىن بۇرۇن بېيجىڭغا كەلمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.
2005 - يىلى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان جايلار غەربىي شىمال تەرەپتە ئىدى
2005 - يىلى 4 - ئايدا، خىتاينىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى تەتقىق قىلىش ئورنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتايدىكى 660 شەھەرنىڭ 343 دە مۇھىت بۇلغانغانلىقى سەۋەبتىن كىسلاتالىق يامغۇر ياغىدىغان بولۇپ قالغانلىقى، بەزى شەھەرلەردە ھەتتا قۇم ياغىدىغان بولۇپ قالغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ دوكلاتتا سەنشى، شەنشى، خېنەن، خېبېي، نىڭشا، گەنسۇ، شىنجاڭلاردا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ناھايىتى ئېغىر بۇلۇۋاتقانلىقى، مەملىكەت بۇيىچە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولغان جايلار غەربىي شىمال تەرەپتە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. (ۋەلى)