ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشقا تەرەددۇت قىلماقتا


2007.05.02

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاي قازاقىستان بىلەن نېفىت ساھەسىدە ھەمكارلاشقان بولسا، نۆۋەتتە، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ تەبىئىي گازلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان. يېقىندا، خىتاينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار تارقالدى.

ئۆزبېك-خىتاي ئېنېرگىيە مۇناسىۋىتى

خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارمۇ كۈنسېرى ئاشماقتا.

ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، 30-ئاپرىل كۈنى، خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماكەي باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف بىلەن كۆرۈشكەن. "بىز ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيمىز، 2005-يىلى بېيجىڭدا، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەمكارلىق، دوستلۇق ۋە شېرىكلىك شەرتنامىسى ئىمزالانغان، دۆلەتلىرىمىز ئارىسىدىكى ئۆزارا مۇناسىۋەت ھەر يىلى يېڭى كونكرېت مەزمۇنلار بىلەن بېيىماقتا" دېگەن ئىسلام كەرىموف ماكەي بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا.

ئىسلام كەرىموف بىلەن ماكەي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزارا ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەھبىرى ماكەينىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ماكەي يەنە ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھەم مالىيە مىنىستىرىلىك ۋەزىپىسىنى بېجىرىۋاتقان رۇستەم ئەزىموف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا-ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي 530 كىلومېترلىق مۇساپىدىكى، 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزەلەيدىغان گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ خەۋەر نارەسمى يوسۇندا، ئۆزبېكىستان ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق سىرتقا تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇنى رەسمىي رەۋىشتە خەۋەر قىلمىغان. بۇ ئۇچۇر فوربېس جۇرنىلى تەرىپىدىن تارقىتىلغان.

ئەمما، يەنە بىر خەۋەردە ئۆزبېكىستاننىڭ " ئۆزبېكنېفىتگاز" شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت گاز شىركىتىنىڭ بىرلىشىپ، نەمانگان ۋىلايىتى تەۋەسىدە تەبىئىي گازلىق ئېچىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۆزبېكىستان تەبىئىي گاز زاپىسى مول دۆلەت بولۇپ، ئۇ، ھەر يىلى 60 مىليارد كۇب مېتىر گاز ئالىدۇ، ئۆزبېكىستان تۈركمەنىستان بىلەن بىر قاتاردا مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ زور تەبىئىي گاز دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ گاز زاپىسىنىڭ ئالتە ترىلىيون كۇب مېتىردىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ھەر يىلى بەش مىليارد كۇب مېتىر گاز قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا ماڭدۇرىلىدۇ.

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئاشۇرماقتا

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىدا ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ رايون بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيىلىك پائالىيەتلىرىدە دائىم تەكىتلەنگەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتايدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى پەن گاڭمۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا بەرگەن بىر قېتىملىق ئىلمىي دوكلاتىدا بۇ نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

خىتاينىڭ تېز سۈرەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان ئىقتىسادى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور ئېنېرگىيىگە مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. خىتاي ئەنە شۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېنېرگىيە زاپىسى مول بولغان رۇسىيە، كاسپىي دېڭىزى بويى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنى كۈنسايىن ئاشۇرماقتا. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىدە قازاقىستان مۇھىم ئورۇننى تۇتقان بولۇپ، قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدا نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلغان.

خىتاي بۇ لىنىيە ئارقىلىق يىلىغا 10 مىليون توننىدىن 20 مىليون توننىغىچە نېفىت كىرگۈزۈشنى قولغا كەلتۈرمەكچى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي قازاقىستان ھەم تۈركمەنىستان بىلەنمۇ تەبىئىي گاز توشۇش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ گازلىرىنى خىتايغا ئىمپورت قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. تۈركمەنىستاننىڭ مەرھۇم پرېزىدېنتى نىيازوف ئۆتكەن يىلى بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 30 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز كېلىشىمى ۋە تۇرۇبا ياتقۇزۇش توختامى ئىمزالىغان ئىدى.

رۇسىيىنىڭ ئىنكاسى

خىتاي ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستانلار بىلەن ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالىغان بىلەن مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەنمۇ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن. ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان رۇسىيىنىڭ " گازپروم "شىركىتى بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىغا كىرىشىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرىگە رىقابەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، رۇسىيىنىڭ بۇنى خالىمايۋاتقانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ئېنېرگىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈش يەنى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى يوللارنى ئېچىش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ مونوپولىدىن قۇتۇلۇش ۋە ياكى بولمىسا، ئۆز ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش تاكتىكىسى ئويناۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.