خىتايلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نېفىت قوغلاپ يۈرمەكتە

0:00 / 0:00

2008- يىلى 3- مارت كۈنى دۇبەينىڭ "ئەل ئەرەبىيە" تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان كۇۋېيتلىق ئىقتىسادشۇناس دوكتور ھەسەن ئابباس مۇنداق دېدى:" خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىشى، سانائەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشى ۋە ئېنىرگىيىگە بولغان تەشنالىقىنىڭ ئېشىشى دۇنيادا نېفىت باھاسىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. چۈنكى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى يىلدىن يىلغا ئېشىپ بارماقتا. 2003- يىلى خىتاي دۆلىتى نېفىت سەرپ قىلىشتا ياپونىيىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ دۆلەت بولۇپ ئاتالغان بولسا، 2004- يىلىدىن بېرى خىتاينىڭ نېفىت سەرپىياتى يىلىغا يۈزدە 15 پىرسەنتتىن ئېشىپ بارماقتا. ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە مەلۇماتلىرىنى توپلاش مەخسۇس ئىدارىسىنىڭ 2005- يىلىدىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ كېيىنكى تۆت يىل مابەينىدىكى تەرەققىياتىدا يۈزدە 40 پىرسەنت نېفىتكە يۆلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇندىن بىرى يىلدىن يىلغا ئېشىپ بارماقتا. ھازىر خىتاينىڭ نېفىت شىركەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئۆتۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىگىچە يېتىپ بارماقتا. خۇسۇسەن سۇداندا خىتاينىڭ نېفىت شىركەتلىرى تولۇپ تاشماقتا. ئېيتىشلارغا كۆرە، خىتاينىڭ نېفىت شىركەتلىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت شىركەتلىرىدىن پاي ئېلىش كويىدا يۈرمەكتە ئىكەن."

خىتايلار قايسى يولدىن بولمىسۇن كۆپرەك نېفىتكە ئىگە بولۇش كويىدا

دوكتور ھەسەن ئابباس يەنە مۇنداق دېدى:"خىتايلار ھازىر تۈرلۈك دىپلوماتىيە چارىلىرىنى قوللىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نېفىتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يۈرمەكتە. چەتئەللەرگە رەسمى زىيارەت بىلەن چىققان خىتاي مەسئۇللىرى بارغانلىكى جايدا نېفىت ماۋزۇسىنى كۈن تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قۇرىغا يېزىۋالماقتا. چۈنكى بۇلارنىڭ نېفىتكە بولغان تەشنالىقى بېسىقىدىغاندەك ئەمەس. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن نېفىتكە ئىگە بولۇش ئەڭ ئالدىنقى تەلەپ بولۇپ، قازاقىستاندىن ئالامدۇ ياكى سۇداندىنمۇ ياكى ئانگۇلادىنمۇ پەرقى يوقتۇر. مۇھىم بولغىنى نېفىتكە ئىگە بولۇش. خىتاينىڭ نېفىت شىركەتلىرى باشقارمىسى سىياسى ئورگان بولۇپ، توختاۋسىز كېڭىيىش، قايسى يولدىن بولمىسۇن ئىگە بولۇش ۋە باشقىلارنىڭ قولىدىكىسىگە كۆز تىكىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، دۇنيادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان تەشنالىقىدۇر!"

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەندىشىسى

دوكتور ھەسەن ئابباس يەنە مۇنداق دېدى:"ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرغان سابىق باش ئەلچىسى جېمىس لېلى: خىتايلارنىڭ نېفىتكە ئىگە بولۇش تەمەسىدە پۈتۈن دۇنياغا كۆز تىكىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. شېۋرون تېكساكو شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دېۋىت ئورىلى ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتىنى تالىشىپ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا ئورۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى سۆزلىمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيىلىك كېلىشىم تۈزۈپ بولغان." (ئۆمەرجان)