' خىتاينىڭ نېفىت تۇرۇبا يوللىرى خەتەر ئاستىدا '

يېقىندىن بېرى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت تۇرۇبا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلماقتا. بۇلارنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ نېفىت تۇرۇبا يوللىرى تەھدىت ئاستىدا تۇرماقتا؛ بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى نېفىتنى بىرلا رايوندىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايون تېنچ رايون ئەمەس.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.06
Qazaqistan-Xitay-nefit-gaz-turubisi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺗﯘﺭﯗﺑﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

شوتلاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنىرگىيە تەتقىقات مۇتەخەسسىسى Philip Andrews ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بازا ھەم ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنى كىچىك بىر سېۋەتتە، كۆپ مىقداردا تۇخۇم ئېلىپ مېڭىشقا ئوخشاتقان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك تەلىپىنىڭ بارغانسىرى ئۇلغىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ نېفىت يوللىرىنىڭ ھەر قايسى نۇقتلىرىنى كۆپ ساندا ئەسكەر بىلەن قوغداشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر رايونىدا كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان نېفىت مىقدارى 27 مىليون توننا، يەنى 550 مىڭ باك؛ بۇ خىتايدا ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان نېفىت مىقدارىنىڭ 30%گە تەڭ. خىتاي يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئالدىمىزدىكى 30 يىل ئىچىدە يىلىغا 40 مىليارد كۇپمېتىر نېفىت يۆتكىمەكچى. ئۈتكەن يىلى قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلغان نېفىتى 115 مىڭ باك يەنى 10مىليون توننا ئەتراپىدا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي يېقىنقى 30 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېنىرگىيە مەنبەسىگە مۇھتاج.
 
ۋاشىنگىتوندىكى خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى Robert Ebel، خىتاينىڭ نېفىت تۇرۇبا يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرىدۇر. ئۇ خىتاينىڭ نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر بۇ نېفىت تۇرۇبا يوللىرى(قارشى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ) ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالسا، تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇمكىن ئەمەس. مەنچە بۇ، كەلگۈسىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ چېچىغا ئاق كىرگۈزىدىغان بىر مەسىلە."
 
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى ۋە رايوندا يۈزگۈزۈۋاتقان مىللەتلەر سىياسىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خېلى بۇرۇنلا دىققىتىنى تارتقان ۋە خىتاينى رايوندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەتىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

مانا بۇلاردىن بىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بولۇپ، ئۇ، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىسا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
 
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن شاڭخەيگە تۇتاشتۇرۇلغان غەرب - شەرق گاز تۇرۇبىسى، 4000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا. بۇ پۈتۈن مۇساپىسى بويىچە 10 ئۆلكە 66 ناھىيىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. نۆۋەتتە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىن گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن، فۇجيەن ئۆلكىلىرىگە نېفىت تۇرۇبىسى ئورنىتىش پىلانى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. خىتاينىڭ تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت تۇرۇبىسى يەنە ئۇيغۇر زېمىنىدىن ئۈتىدۇ.
 
بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، ئالدى بىلەن بىلەن خىتاينىڭ يېقىن ۋە كەلگۈسى مەنپەتىگە يەنى ئۇنىڭ ئېنىرگىيىدىن ئىبارەت جانىجان مەنپەتىگە زىيانلىق. ئەمما خىتاي بۇ خىل تەكلىپ پىكىرلەرنى قۇتراتقۇلۇق، بۇ خىل پىكىر بەرگۈچىلەرنى دۈشمەن كۈچلەر دەپ قاراپ كەلمەكتە.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.