گېرمانىيىدىكى خىتاي ئوغرىلىرى


2006.08.01

گېرمانىيىدىكى "دۇنيا" گېزىتىنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىرىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئوغرىلىق گۇرۇھلىرىنىڭ گېرمانىيىدىكى جىنايى قىلمىشلىرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن. فېدېرال جىنايى ئىشلار ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئوغرىلىق گۇرۇھلىرى پەيدا قىلغان جىنايى ئەنزىلەر گېرمانىيە پۇقرالىرىنى ئېغىر پاراكەندىچىلىككە سالغان. مىس، ئاليۇمىن ۋە باشقا رەڭلىك مېتاللارنى توننىلاپ ئوغرىلاپ، پاراخوت ئارقىلىق خىتايغا توشۇپ كېتىۋاتقان بۇ جىنايى گۇرۇھلارنىڭ قولى گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق شتاتلىرىغا قەدەر سوزۇلغان.

ھاننوۋېر شەھەرلىك جامائەت خەۋەپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايلارنىڭ خەلقئارا بازاردا قىممىتى يۇقىرى بولغان رەڭلىك مېتاللارنى ئوغرىلاش ۋەقەسى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. 2006 – يىلى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، Nordheim – Westfalin شتاتىنىڭ ئۆزىدىلا 500 قېتىمدىن ئارتۇق مىس ئوغرىلاش ئەنزىسى سادىر بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 29% ئېشىپ كەتكەن.

ئوغرىلانغان نەرسىلەر ئۇششاق مېتاللاردىن تارتىپ، توننىلىق توك سىمى ئوراملىرىغىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يالغۇز ھاننوۋېر شەھرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىلا بىر قانچە ئاي ئىچىدە 20 قېتىمدىن ئارتۇق مىس ئوغرىلاش دىلوسى يۈز بېرىپ، كىشىلەرنى قاتتىق بىئارام قىلغان. جىنايى ئىشلار ساقچى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قولغا چۈشكەن پاكىتلار بۇ ئەنزىلەرنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، خەلق ئارا بازاردا مىسنىڭ باھاسى بىردىنلا ئۆرلەپ كەتكەن. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مىس باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، مىس ئوغرىلىرىنىڭ بازىرىنى چىقىرىپ قويغان. خىتاي ئوغرىلىق گورۇھلىرى بۇنى ياخشى بىر تىجارەت يولى قىلىۋالغان.

يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى شتاتلاردىكى گېرمان پۇقرالىرى ساقچى دائىرىلىرىگە تۈرلۈك رەڭلىك مېتاللارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى، ھەتتا قەبرىلەردە ئورنىتىلغان مېتال زىننەت بۇيۇملىرىنىڭمۇ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە فېدېرال ساقچى ئىدارىسى بۇ ۋەقەگە جىددى مۇئامىلە قىلغان.

Nieder Sachsen شىتاتى جامائەت خەۋەپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ كەسپىي ئوغرىلار ئادەتتىكى يەرلىك ئوغرىلار بولماستىن، ياخشى تەشكىللەن`گەن ۋە ئالدىن تەييارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان پىلانلىق بىر ئوغرىلىقق گۇرۇھى ئىكەن.

Nieder Sachsen شىتاتى جامائەت خەۋەپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رازۋېتچىكلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئوغرىلانغان نەق مالنى قولغا چۈشۈرگەن. گەرچە ساقچىلار ئوغرىلانغان بۇ ماللارنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن ۋە ماللارنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، قولغا چۈشكەن ئوغرىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىغان. ئەمما ئوغرىلانغان نەرسىلەرنىڭ بىر يۈك ماشىنىسىغا قاچىلانغانلىقىنى، بۇ زاڭ مال ئىچىدە ئۇزۇنلۇقى 1700 مېتىر كېلىدىغان 1.5 توننا ئېغىرلىقتىكى سىگنال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قىممەتلىك سىملارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ساقچىلار تەمىنلىگەن دەسلەپكى يىپ ئۇچىغا ئاساسلانغاندا، ھەر قايسى ئەللەردىن ئوغرىلانغان رەڭلىك مېتاللارنى خىتاي ئوغرىلىق گۇرۇھلىرى ئالدى بىلەن شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە توشۇپ ئاپىرىدىكەن. ئاندىن ئۇ يەردە مېتاللارنى تۈرگە ئايرىپ، ئېرىتىپ، سورتلىرى بويىچە قاچىلاپ، پاراخوتقا بېسىپ خىتايغا ئېلىپ كېتىدىكەن.

گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ رەڭلىك مېتالغا بولغان جىددى ئېھتىياجى، ئۇلارنى ئوغرىلىق دەرىجىسىگىچە ئېلىپ كەلگەن. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.