ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لاياقىتىدىن گۇمانلاندى


2007.05.02

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گۇۋالىق ئالدى. يىغىندا ئاۋام پالاتاسىدىكى بەزى ئەزالار خىتاينىڭ 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لاياقىتىدىن گۇمانلىقىنىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئاۋام پالاتا تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوسنىڭ تەنقىدى

يىغىنغا ئاۋام پالاتا تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوس رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى نىگروپونتې گۇۋالىق بەردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى ئەزالار سەيشەنبە كۈنىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا خىتاينى سۈنئىي ھەمراغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىش، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش، مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇش، دۇنيادىكى بىر قىسىم مۇستەبىت دۆلەتلەرنى قوللاش ۋە خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە تەنقىد قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا ئەزا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئاز دىگەندە 12 نەپىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مەۋجۈت ۋەزىيەت ئاستىدا، خىتاينىڭ 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لاياقىتى بارلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دىموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كالىفورنىيىلىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام لانتوس ئىسپات بېرىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، "ئەگەر خىتاي ئىچكى مەسىلىلىرىنى تەرتىپكە سالماقچى بولسا، ھازىر دەل بۇنىڭ ۋاقتى. ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينىڭ بۇرۇلۇش ياساش، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا توغرا يىتەكچىلىك يولىغا مېڭىشىدىكى قىممەتلىك پۇرسەت،" دەيدۇ.

خىتاي، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى پىلانىنى ئاشكارا تۇتۇشى كېرەك

خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەنقىدلىگەن تام لانتوس، خىتاي دۇنياۋى كۈچ بولسا قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن خەلقئارا سېستىمىنى كۈچەيتىش يولىدا ھەمكارلاشقۇچى يول تۇتىدىغانلىقىنى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تام لانتوس يەنە، " مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتلەر ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمرانى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدا ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ئاتمۇسفىرانى خەتەرلىك ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويمايدۇ. ئەگەر خىتاي ئامېرىكا بىلەن شېرىك بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، ئاقىلانە ۋە ھەربىي تەرەققىياتى پىلانى ئاشكارە بولۇشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.

تام لانتوس، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى مۇستەبىت، خەتەرلىك ۋە تېرورىزىمنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئىران، بېرما ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرماقتا، دەپ ئەيىپلىدى.

تام لانتوس، " خىتاي دارفۇر رايونىدا تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز دەرىجىدە ئېرقىي تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتىنى نىمە ئۈچۈن ئۈزلىكسىز ھالدا قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ؟ " دەپ سورىدى.

تام لانتوسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىھتىياجىدۇر. لېكىن ئۇ، بۇ ئىھتىياج باشقا ئامىللارنى كۆرمەسكە سېلىشكە باھانە بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا خىتاينى ئەڭ كەسكىن سۆزلەر بىلەن تەنقىد قىلغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى كالىفورنىيىلىك جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روباكېر بولدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا بۇ تەھدىتنى ئۆز قولى بىلەن ياراتقان. خىتاي، يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىدە، بولۇپمۇ پاكىستانغا يادرو تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىپ، پاكىستاننىڭ شىمالىي كورىيىنى بۇ تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشىگە سەۋەبچى بولدى.

روباكېر، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچكە ئايلىنىشىدا ئامېرىكا مەبلىغى، ئامېرىكا تخنىكىسى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ تەھدىتنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بىز ئالۋاستىنى ئۆز قولىمىز بىلەن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ بىزگە تەھدىت سالماقتا،" دەيدۇ.

خىتاينىڭ ھەربى تەرەقىياتى، دۇنيا تېچلىقىغا تەھدىت

يىغىندا فلورىدا شتاتىدىن جۇمھىرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئىلېيانا لېتىنەن خانىم، خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى يىلدىن -يىلغا ئۆستۈرىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. خىتاينىڭ بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتنى 8.17 پىرسەنت ئۆستۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن لېتىنەن خانىم، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى كىمگە قارىتىلغانلىقىنى سورىدى. لېتىنەن خانىم، " نىشان كىمگە قارىتىلغان ؟ بېيجىڭنىڭ ھەربىي تەرەقىياتى نىمىنى مەقسەد قىلماقتا، " دەپ سۇئال قويىدۇ.

ئىلېيانا لېتىنەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىل 1 - ئايدا ئېلىپ بارغان سۈنئىي ھەمراغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى بىر ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەت بولۇپلا قالماي، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئامېرىكا سۈنئىي ھەمرالىرىغا جىددى تەھدىت پەيدا قىلغان. سەيشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جون نىگرىپونتى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى شەرھىلىدى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

نىگرىپونتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىدى مەلۇم ئەمەس. شۇنداقلا بۇ مەسىلە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ خوشنىلىرىنى بىئارام قىلماقتا. نىگرىپونتى، " رايون بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا خىتاي ھەربىي سېلىنمىسى، ھەربىي نەزىرىيىسى ۋە مەقسىدىنى تېخىمۇ ئاشكارە تۇتۇشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.

نىگرىپونتى، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بەزى مەسىلىلەردىكى تەنقىدىگە قوشۇلۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مەسىلىنى ھەممە جەھەتتە يامان، دەپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بۇ يىل 1 - ئايدا ئېلىپ بارغان سۈنئىي ھەمراغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ خەۋىرى بولماسلىقى مۈمكىن ئىكەن.

بەزى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۇداننى قوللىغانلىقىنى ئەيىپلىدى. نىگرىپونتى، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ "بېيجىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك خوجايىنى ۋە مەنپەئەتدار دۆلەت،" دىگەن قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئامېرىكا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دارفۇردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە خىتاي تەرەپكە، " ئۈنۈملىك بېسىم" ئىشلەتكەنلىگىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋغا خەت يېزىپ، سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر خەتكە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 96 نەپەر ئەزاسى ئىمزا قويغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.