خىتاي، كىشىلىك ھوقۇق مىنالىرى كۆمۈلگەن جايدىن مارافونچە يۈگۈرۈپ ئۆتۈۋاتىدۇ
2007.07.06
قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشلىتىش، بالا قىردۇرۇشقا مەجبۇرلاش، دىنغا زىيانكەشلىك قىلىش، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تۈرمىگە تاشلاش ئىرقى ۋە مىللىي كەمسىتىش، مەدەنىي ۋەيرانچىلىق سېلىش قاتارلىقلار، خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن دۇچ كېلىدىغان ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەر ئىكەنلىكى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا خېلى كوپ سالماقنى ئىگىلەشكە باشلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 6- ئىيۇندىكى بېيجىڭ ئولىمپىكى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدا، كېلەر يازدىكى ئولىمپىككە ئۇلىشىۋېلىش خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، " كىشىلىك ھوقۇق مىنالىرى كۆمۈلگەن جايدىن مارافونچە يۈگۈرۈپ ئۆتكەنگە ئوخشايدۇ " دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە 1980- يىللاردىن بۇيانقى ئامېرىكا - سوۋېت ئولىمپىك بايقۇتلىرىدىن بېرى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مۇنداق تەرزدە ىياسىيلاشتۇرۇلمىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ھەرىكەتلەر ئۇلغايماقتا
مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئولىمپىككە قارشى ھەرىكەت كومىتېتىمۇ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىيلارمۇ ھەر تۈرلۈك ماقالىلەرنى يېزىپ خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا 13ئاي ۋاقىت قالدى. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بىر يىل قالغان كۈنى يەنى 8- ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 6- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا يانداشقان ھالدا خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى كالتەك توپ ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى ۋە مەخسۇس خىتاي ئولىمپىكىگە قارىتىلغان بىر تور بېتى ئېچىشنى پىلان قىلىۋاتقان ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش توغرىلىق خەلقئارادىكى ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
"ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى"
بۇنىڭغا يانداشقان ھالدا ھازىر گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى فرانكفورت شۆبىسىنىڭ رەئىسى، ياش تەتقىقاتچى كۈرەش ئاتاخان، ئۆزىنىڭ يېڭىلا پۈتتۈرگەن " شەرقىي تۈركىستاندىكى تەنھەرىكەت تۈرلىرى " دېگەن ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ ۋە مىللىي كىملىكىگە ئالاقىدار بەلگىلەرنى ھەر تەرەپتىن بوغۇپ كەلگەنلىكىنى، تىل-يېزىق، دىن، مائارىپ ۋە سودا-سانائەت جۈملىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ دۆلەت تېررورچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ماقالىدە: " خىتاينىڭ بىر مىللەتنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا قاراتقان، بۇ خىل فاشىستىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساپاسى، ئىرقىي ئالاھىدىلىكى ئۆزگىرىپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشايدىغان قىياپەتلەردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلدى " دەپ يازغان.
كۈرەش ئاتاخان ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئولىمپىك روھىغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئىنكاسى
ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 1980- يىللىقى موسكۋا ئولىمپىك يىغىنىغا ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلەرنى ئەۋەتىشنى رەت قىلغان ۋە 1984- يىللىق لوسئانجېلىس ئولىمپىك يىغىنىغىمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەنھەرىكەتچى ئەۋەتمىگەن.
گەرچە ھازىرغا قەدەر ، خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا قارىتا بۇنداق كۈچلۈك رەۋىشتە بىرەر ئىنكاس مەيدانغا كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ئولىمپىكىنى چوقۇم بايقۇت قىلىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. مەسىلەن، خىتاي سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئوي ماكانسىز قېلىپ مۇساپىرلار لاگېرىغا قاپسىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان سۇدان ھۆكۈمىتى ۋە دارفۇرغا ئۈزلۈكسىز پاراكەندىچىلىك سېلىپ كېلىۋاتقان جانجاۋىد قوراللىق كۈچلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن بولغاچقا، سىياسىي پائالىيەتچى مىيا فارروۋ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى " قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى " دەپ ئاتىغان ۋە بۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك 9 تۈرلۈك ئىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
- سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تەنھەركەتچى ئارمىيە ھوشۇرۇف
- خىتاي ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
- 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى چۇقان كۈچەيمەكتە
- بېيجىڭدا، يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار قاماپ قويۇلغان
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى
- "ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش" خىتايلار پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سۆز
- مەشھۇر خوللېۋۇد كىنو رېجىسسورى ستېۋېن سپىېەلبېرگنىڭ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا يوللىغان مەكتۇپى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لاياقىتىدىن گۇمانلاندى
- خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى خىتايدىن تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي بىلەن ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشتى