" ئولىمپىككە بىر يىل قالغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قىلچە ياخشىلىنىش بولمىدى"


2007-08-03
Share

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە 2- ئاۋغۇست‏ - پەيشەنبە كۈنى " ئولىمپىككە بىر يىل قالغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قىلچە ياخشىلىنىش بولمىدى" تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىندى . ئاخباراتتا، خىتاينىڭ 2008- يىللىق ئولىمپىكتا يېڭىچە قىياپەت بىلەن مەيدانغا چىقىش چۈشى خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە بوغۇلۇۋاتقان ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكى تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇنداقلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ھېچقانداق كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىغانلىقى، ئۇزۇندىن بۇيان ئېتىبار بېرىلمەي كەلگەن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنىڭ ئورنىغا جەمئىيەت مۇقىملىقىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، بېيجىڭنىڭ خىتاي ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرغىباتچىلىرىغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى ۋە ھەرقانداق بىر قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ ئاۋازىنى تۇنجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىستىبداتلىق بىلەن باستۇرۇش تېخىمۇ نومۇسلۇق

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا قارشى پىكىردىكىلەرگە سەۋرىچان بولۇشنىڭ ئورنىغا سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى ۋە قارشى پىكىردىكىلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەم مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى براد ئادامس: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ قويۇشىدىن بەك ئەنسىرەيدىغاندەك قىلىدۇ. ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى، ئىستىبداتلىق بىلەن باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ نومۇسلۇق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى قەتئىي بىلمەيدىغاندەك قىلىدۇ" دەيدۇ.

مەزكۇر ئاخباراتتا، خىتاينىڭ، قىيناش، ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى چەكلەش، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش خاتىرىسى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاينىڭ دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ يۈرگۈزىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى، نۇرغۇن سوت ھۆكۈمنامىلەردە ئېغىر نۇقسان ساقلانغانلىقى، ئەيىبكارلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش جەھەتتە يېتەرلىك ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، سوتنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئىسپات ماتېرىياللىرىغا قىيناش ۋە تەن جازاسى بېرىش يوللىرى بىلەن ئېرىشىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ئاخباراتتا يەنە، خىتاينىڭ ئەدلىيە ۋە سوت سىستېمىسىدا ئەرز سۇنۇش ئىشلىرىنىڭ يېتەرلىك كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن ۋە خىتاي ئەدلىيە سوت تارماقلىرىنىڭ مۇستەقىللىقكە ئىگە ئەمەسلىكى كۆرسىتىلىپ: "خىتاينىڭ سوت- ئەدلىيە تارماقلىرى خىتايدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە: خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغاچقا مۇستەقىللىقى كەمچىل" دېيىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى برەد ئادامس: " 2008- يىللىق ئولىمپىك خىتاي ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنى ئەۋزەل بىلگەنلىكىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدىغان پۇرسەت ئىدى" دەيدۇ.

سادىر بولغان ۋە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق سەككىز نۇقتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي 2008- يىللىق ئولىمپىكنىڭ تەييارلىقى جەريانىدا سادىر بولغان ۋە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق سەككىز نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە.

مەجبۇرى كۆچۈرۈش ۋە مەكتەپلەرنى تاقاش. بۇنىڭدا 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى ئۈچۈن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا، مىڭلىغان شەھەر ئاممىسىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكى، بۇلارغا يېتەرلىك تۆلەم تۆلەپ بېرىلمىگەنلىكى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئولىمپىكنىڭ ئالدىدىكى "تازىلاش " ھەرىكىتىدە ئاققۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان، ئەمما رويخەتكە ئېلىنمىغان مەكتەپلەرنى تاقاش قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

ئەمگەك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى. بۇنىڭدا، بېيجىڭ ئولىمپىكى ئۈچۈن ياللانغان ئاققۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ، قانۇن جەھەتتىن بەلگىلىگەن ئىش ھەققىگە ۋە دەم ئېلىشقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ۋە دائىم بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خەتەرلىك ئىشلارغا سېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى كوزىر، ئاتالمىش "ئۇچ خىل كۈچلەرگە زەر بە بېرىشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى، "بۆلگۈنچىلىك" خاھىشىدىكى سۆز ‏- ھەرىكەتلەردە بولغان ئۇيغۇرلارنى، جىددىي، قىسقا ، مەخپىي خاراكتېرلىك سوت ئېچىپ تۈرمىگە تاشلىغانلىقى گاھىدا ئوپچە سوت ئېچىپ جازا بەرگەنلىكى، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تىبەتتىمۇ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىمۇ قوشۇمچە قىلىنغان.

دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى. بۇنىڭدا، خىتاينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونترول قىلىپ تۇرىدىغان سىستېما سىرتىدىكى ھەرقانداق بىر دىنىي ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى، بارلىق مەسچىت، بۇتخانا، چېركاۋلارنىڭ چوقۇم ئەنگە ئېلىنىشى لازىملىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۆلۈم جازاسى ۋە ئېتىپ ئولتۇرۇش. بۇنىڭدا، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەڭ كۆپ يۈرگۈزىدىغانلىقى، گەرچە كونكرېتنى ساننى ھۆكۈمەت بەك قاتتىق قامال قىلسىمۇ، ھەر يىلى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە يۇرگۇزىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، ئۆيىدە رېجىمغا ئېلىش قىلمىشلىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكى قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە قارىغاندا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى سۇدان، كامبودژا، زىمبابۇۋى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى كېلەر يىلى قاتتىق تەكشۈرۈشكە دۇچ كېلىدىكەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.