2008- يىللىق ئولىمپىككە بىر يىل قالغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قارىشى نارازلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيمەكتە


2007.08.08

8- ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بىر يىل قالغان پەيتتە تەتۈر ساناش ۋە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. مەلۇم بولۇشىچە تەبرىكلەش پائالىيىتىگە 10 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم يىغىلغان بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارلىرىمۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

جاكۇس روججى: "مۇھىت بۇلغىنىشى تۈپەيلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بەزى تۈرلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلشى مۇمكىن"

TumanliqBeyjing-200.jpg
مۇھىتى بۇلغانغان تۇمانلىق بېيجىڭ. Haze cloaks the skyline in central Beijing, 03 July 2007 / AFP PHOTO/TEH ENG KOON

ئەمما سەيشەنبە كۈنى، خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى جاكۇس روججى، گەرچە خىتاينىڭ ئولىمپىك تەييارلىقنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى تۈپەيلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بەزى تۈرلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلشى مۇمكىن ئىكەنلىكى، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ساھىبخان دۆلەت ۋە تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن بىر باش قېتىمچىلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغىنىنى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە": قىسقا مۇددەتلىك مۇسابىقىلەرنى ئېلىپ بېرىشتا چاتاق يوق. ئەمما ۋاقىت كېتىدىغان مۇسابىقىلەر يەنى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى قاتارلىقلار كېچىكتۈرۈلىدىغان مۇسابىقە تۈرىگە كىرىدۇ" دېگەن.

ب ب س نىڭ 8- ئاۋغۇستتىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئولىمپىك كومىتېتى پرېزىدېنتى، ئاۋسترالىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ نەپەس يوللىرى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بېيجىڭغا مۇسابىقە باشلانمىغۇچە يېتىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە قارار لاھىيىسى سۇندى

ۋەھالەنكى، خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىكىدە بىر يىل قالغان كۈننى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ دۇنياغا ئۆزىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە ئالدىراۋاتقان كۈنلەرنىڭ ئالدى كەينىدە، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا خىتايغا قارىشى ھەرخىل نارازىلىق پائالىيەتلىرى بارغانچە ئاۋۇپ كېتىشكە باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان 8 كىشى قارار لايىھىسى تەييارلاپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشتا كونكرېتنى ھەرىكەت قوللانمىسا، دارفۇردا قىرغىنچىلىق ئىلىپ بېرىۋاتقان سۇدان بىرما ۋە چاۋشيەن ھۆكۈمەتلىرىنى قوللاشنى توختاتمىسا، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە، چاقىرغان.

مەزكۇر قارال لاھىيىسىنى تەييارلىغۇچىلار ئارىسىدا، باشتىن ئاياق خىتاينى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كالىفورنىيە ۋەكىلى دانا روباككىر قاتارلار بار.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارىشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى

QMTezaliri-200.jpg
چ م ت نىڭ باش سەكرىتارى روبېرت مېنارد (ئوڭدىن ئىككىنچى)، 2007 - يىلى 6 - ئاۋغۇستتا، بېيجىڭدىكى نامايىشتا سۆزدە. General secretary of Reporters Without Borders Robert Menard (2nd R) speaks as he and three colleagues hold a demonstration across the street across from the Beijing Olympic organising committee's headquarters in Beijing, 06 August 2007. AFP PHOTO/Peter PARKS

2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىدە بىر يىل قالغان كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، چارشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىقى نامايىشى ئېلىپ باردى.

بۇ نامايىش ھەققىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ نامايىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەتكە ئوچۇق خەت يوللىغان

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلىك ھوقۇق ھىماتچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىمزالىق ئوچۇق خەت يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئولىمپىك روھىغا شەرەپ كەلتۈرۈپ، خىتاي پۇقرالىرى ھازىرغىچە ئېرىشەلمىگەن كىشىلىك ھوقۇقنى بېرىشكە چاقىرىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوچۇق خەتكە،، يازغۇچىلار، قارشى پىكىردە بولغۇچىلار، ئادۋوكات، ۋە ئالىملاردىن تەركىپ تاپقان 37 كىشى قول قويغان بولۇپ ئۇلار ھۆكۈمەتتىن سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇۋېتىشكە، چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنىڭ قاشتېشىغا يول بېرىشكە، قىستىغان.

باۋ توڭ : ئولىمپىكنىڭ شوئارى "بىر دۇنيا، بىر غايە چوقۇم خىتاي خەلقنىڭ ھوقۇقىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك"

ئوچۇق خەتتە: " كىشىلەر كەمسىتىلىش ئوتىدا كۆيۈۋاتقان، سىياسىي ۋە دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان، ئەركىنلىكى بوغۇلۇۋاتقان دۇنيا؛ بىر پۈتۈن دۇنيا بولالامدۇ؟" دېيىلگەن. ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغۇچىلاردىن بىرى، ئەسلىدە خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى جاۋ زىياڭنىڭ ياردەمچىسى بولغان باۋ توڭ بولۇپ، ئۇ: "كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئولىمپىكنىڭ شوئارى 'بىر دۇنيا، بىر غايە' چوقۇم خىتاي خەلقنىڭ ھوقۇقىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك" دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىشى بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان شارائىتتا خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، سەيشەنبە كۈنى 7- ئاۋغۇست كۈنى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچى تەشكىلاتى ئايرىم-ئايرىم دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا نۇرغۇن مۇخبىرلارنىڭ تۈرمىدە كېتىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ۋە خىتايدىن ئاخبارات ئەركىنلىكنى قويۇۋېتىشكە چىرقىرىغان.

شۇنىڭغا يانداشقان ھالدا 6 نەپەر چەتئەللىك پائالىيەتچى، "تىبەتكە ئەركىنلىك" شوئارى بېسىلغان لوزۇنكىنى سەددىچىن سېپىلغا قادىغان ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.