خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00
AmmaOlyTKu-Rabiye-200.jpg
خەلىقارا كەچۇرۇم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ت. كۇمار ئەپەندىم ۋە رابىيە خانىم، نامايىشچىلار بىلەن بىرگە. photo by RFA/ Erkin & Jume

2007‏ - يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى، چۈشتىن كىيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بىر يىل قالغان كۈنى، خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشقا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ، دۇنيا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى، فالۇنگۇڭ تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ، تىبەت، خىتاي دېموكراتلار ۋە ئامېرىكىلىقلاردىن تەركىپ تاپقان 100 دىن ئارتۇق ئامما خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق شۇئارلىرىنى توۋلاشتى.

نامايىشچىلار: " كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يوقالسۇن"

نامايىشچىلار قوللىرىدا " خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى سوت قىلىنىدۇ " ، " كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئولىمپىكتىن بۇرۇن توختىتىلسۇن! " ، " مىڭلىغان ئادەملەر ئېتىلىپ كەتتى، ئولىمپىك قىممەت قارىشى مۇشۇنداق بولامدۇ؟! " ، " تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئېلىش، مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى توختىتىلسۇن! " دېگەن شوئارلار بېسىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۈپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى ئايلانمىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىشچىلار: "خىتاي، خىتاي، كىشىلىك ھوقۇقنى بەر،" ، " كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يوقالسۇن" ، " ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە" ، " ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك" ، " تىبەتلەرگە ئەركىنلىك" ، " خىتايدىكى خەلقلەرگە ئەركىنلىك" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشتى. خىتاي ئەلچىخانا دەرۋازىسى ھىم ئېتىلگەن بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى دېرىزىلەردىن ئاندا- ساندا ماراپ قارىشىپ قويۇشتى.

بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ خىتايغا بىر كۈچلۈك بايانات يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن،، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ت. كۇمار ئەپەندى: " ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىشى، ئولىمپىكتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشتا ئىجابىي قەدەملەرنى ئېلىشى كېرەك" دېدى ۋە بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ بىر قەدەر زور كۆلەملىك ئىكەنلىكنى، بۇندىن كېيىنمۇ يەنە بىر نەچچە مەرتە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم : نارازىلىق پائالىيەتلىرىمىزنى ھەتتا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بىر كۈن قالغىچە داۋاملاشتۇرىمىز

RabiyeOlyCh-200.jpg
رابىيە خانىم مۇخبىرنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەكتە. photo by RFA/ Erkin & Jume

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق نارازىلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر نامايىش ئىكەنلىكنى كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ 2008- يىللىق ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل ئېزىلىش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باشقا ناتوغرا قىلمىشلارنى پاش قىلىدىغان بىر تور بېكىتى ئاچقانلىقىنى، يېقىن كەلگۈسىدە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆز نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ھەتتا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بىر كۈن قالغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

نامايىشچى ئاممىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر خىل مەقسەتتە بىر يەرگە جەم بولدى

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نامايىشچى ئاممىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر خىل مەقسەتتە، يەنى خىتاينى ئولىمپىككە ساھىبخانا بولۇش ھوقۇقىنى ئېلىشتىن ئىلگىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىنى ئاقلاشقا قىستاش، خىتاينى ئۆز ۋاقتىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. نامايىش جەريانىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىر نەپەر خادىمى: "بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىزنىڭ مەقسىتى: خىتاينى ئۆز ۋاقتىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىشقا، ھەمدە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا قىستاش" دېدى. ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر نامايىشچىلارمۇ بۇ نامايىش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ۋە بۇ يەرگە كېلىش مەقسەتلىرىنى ئوخشىمىغان رەۋىشتە ئىپادىلەشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نامايىشقا قاتناشقان بىر ئۇيغۇر زىيالىي، ناۋادا 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا قارىماي ئېچىلىپ قالسا، ئۇيغۇرلارغا ، خەلقئارا جەمئىيەتكە سەلبىي تەسىر ۋە ئوخشىمايدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ت. كۇمار خىتاي ، "ئەمدى ئۆز سۆزلىرىڭنىڭ ئېتىبارى ئۈچۈن لەۋزىڭدە تۇرغىن"

OlyTKu-200.jpg
خەلىقارا كەچۇرۇم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ت. كۇمار ئەپەندىم سۆزدە. photo by RFA/ Erkin & Jume

نامايىش جەريانىدا سۆزگە چىققان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بۆلۈمنىڭ دىرېكتورى ت. كۇمار، خىتاي باشلىقلىرىنىڭ 2001- يىلى ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى تالىشىش جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نېگىزلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەن ئالغانلىقىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايمىز دەپ يېنىش-يېنىشلاپ ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: " شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىپ، خىتاينى خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىنى ئاقلاشقا قىستىغىلى كەلدۇق. خىتاي مانا سەن ئولىمپىككە ساھىبخان بولۇش ھوقۇقىنى ئالدىڭ. ئەمدى ئۆز سۆزلىرىڭنىڭ ئېتىبارى ئۈچۈن لەۋزىڭدە تۇرغىن" دېدى ۋە خىتايدا ھازىر كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتايدا 250 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كۆپ يۈرگۈزىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، ئەگەر خىتاي ئوز ۋەدىسىدە تۇرمىسا، ئۆز سۆزلىرىگە ھۆرمەت كۆرسەتمىسە، كەلگۈسىدە ھېچكىمنىڭ خىتاينىڭ گېپىنى ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن ھەم كىشىلىك ھوقۇققا كەلگەندە جىم بولۇۋالغان خەلقئارا جەمئىيەتتىن بەك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە: "بۈگۈن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ، خىتاي رەھبەرلىرىگە سوئال قويۇلدى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىناۋەتلىرىگە سوئال قويۇلدى، شۇڭا بىز بۇ يەرگە يىغىلىپ دۇنياغا بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئادەملەردىن پەخەس بولۇشنى جاكارلىغىلى كەلدۇق" دېدى.

سوز ئاخىرىدا ت. كۇمار، رابىيە قادىر خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى ۋە رابىيە قادىر خانىم ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى گۆرۈگە ئالغانلىقىنى ، ئەمما ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچى كامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: "شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى ، ھامان بىر كۈنى رابىيە قادىر ئۆز بالىلىرىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەتكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرىدۇ" دېدى.

رابىيە قادىر خانىم: "ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش خىتاي خەلقىگە قارىتىلمىغان"

نامايىش يىغىلىشىدا رابىيە قادىر خانىم تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىقتى ۋە خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ئىدىيىسىنىڭ پەقەت خىتاي خەلقىگە قارىتىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىم سېيتوف رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ نۇتىقىنى ئىنگلىزچە ئوقۇپ ئۆتتى. نامايىشى يىغىلىشىدا يەنە ، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەت تەشكىللىگۈچىسى جېيكوب كولكۇلېرمۇ سۆزگە چىقتى. (جۈمە)