" قەدىمكى گرېكلار 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۆز قەبرىسىنى قازىدىغان بولدى"


2007.08.31

خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشغا ئەگىشىپ شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا 2008 يىلدىكى ئولىمپىك ھەققىدىكى ھەر خىل ماقالىلەر ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىلەرگە زور تەسىر بەرگەن ماقالىنىڭ بىرى ، يېقىندا شىۋېتسىيەدىكى ئوقۇرمىنى ئەڭ كوپ ھېسابلانغان مېترو گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىنىڭ ماقالىسىدۇر. ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئوقۇغۇچى ئوز ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ " بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىر يىلدىنمۇ ئاز ۋاقىت قالغان بۈگۈنكى كۈندە تېخى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىدەك ھېچقانداق بىر ئىش يۈز بەرگىنى يوق. دۇنيادىكى كىشىلەر خىتايدىكى رېجىمنى چۈشەنمەيۋاتامدۇ ياكى ئاز كام 20 يىلنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدا يۈز بەرگەن 2مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدەك چوڭ ۋەقەنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتامدۇ؟

2008 ‏- يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك ھەقىقىي ئۆز مەنىسى بىلەن بولارمۇ؟

كىشىلەر دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەقىقىي بىر مۇمكىنچىلىك ، شۇڭا كىشىلەر بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن يىللاپ مەشىق قىلىدۇ ۋە مەخسۇس قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ تەييارلىق قىلىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت كىشىلەر ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت يارىتىشتۇر. گرېكلارنىڭ غورۇرى ۋە پەخرى بولغان بۇ ئويۇن 2008 ‏- يىلى بېيجىڭدا ھەقىقىي ئۆز مەنىسى بىلەن بولارمۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگىنى ياخىشى بولدى، چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ئۇ يەردە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدىغان بولدى دەپ قاراشماقتا. ئەمما ، بۇ خىيال قانچىلىك گۈزەل بولمىسۇن ، بۇ بىر رېئالىستىك نوقتىنەزەر دەپ قارىمايمەن " دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىدە. ئۇ تارىختىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ 1936 ‏- يازدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. شۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى كۆرگەن 3 مىليون 800 مىڭ كىشى تاكى ھازىرغىچە شۇ ۋاقىتتا گېرمانىيىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ھېچنېمە دىگىنى يوق ، ئەمما تارىخ باشقا بىر تارىخنى تەسۋىرلەۋاتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، 2008 ‏- يىلى بېيجىڭدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىمۇ خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە بىزگە بۇرۇنقىغا ئوخشاش بىز خالىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ ئۇ يەردە كۆرىدىغىنىمىز پەقەت كىچىك بالىلارنىڭ كۈلكىسى ۋە قىزارغان يۈزلەردۇر.

سوۋېت ئىتتىپاقىنى دۇنيادىكى 65 دۆلەت بايقۇت قىلغان

بۇرۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دىكتاتور ھېسابلانغان سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆتكۈزۈلگەندە دۇنيادىكى 65 دۆلەت ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلغان ئىدى ، نۇرغۇن تەنتەربىيىچىلەرمۇ بايانات ئېلان قىلىپ شۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇلار ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش سەۋەبلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاساس قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. شۋېتسىيە شۇ قېتىممۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلمىغان ، بۇ قېتىممۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلمايدىغانلىقى ئېنىق " دەيدۇ ئاپتور ماقالىسىدە ئاچچىق قىلىپ.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ " خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قىلىۋاتقىنى مەيلى خاتا بولسۇن ، مەيلى توغرا بولسۇن ، كېلەر يىلى ئولىمپىكنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغىنى ئېنىق .بىراق ، شۇنداق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ، قەدىمكى گرېكلار ھېچ ئىككىلەنمەيلا 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقى ئارقىلىق ئۆز قەبرىسىنى قازىدىغان بولدى. ئەگەر شۇنداقلا بولسا ، مەن ئويلايمەنكى كېلەر قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كىشىلەر ئەڭ دىكتاتور دەپ ھېسابلاۋاتقان شىمالىي كورىيىگە بەرسەكمۇ بولىۋېرىدۇ. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.