رابىيە قادىر قەشقەردىكى ئۆلۈم جازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
2007.11.13
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاز دېگەندە بەش نەپەر ئۇيغۇر ياشنى " دۆلەتنى پارچىلاش، تېررورلۇق جىنايەتلەرنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايەتلىرى" بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىددەتلىك ئەيىبلىدى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتايغا ئوخشاش "ئادەم ئۆلتۈرۈشكە خۇمار " بىر دۆلەتكە ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىش بىلەن تەنقىدلىدى.
" خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرسە، پۈتۈن دۇنيانىڭ قاراپ تۇرغانلىقىنى ئەيىبلەيمەن "
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئابدۇۋەلى ئىمىن، مۇختەر سېتىۋالدى، ئەھمەت راخمان قاتارلىق ئاز دېگەندە بەش نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دائىرىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ياشلارنى 2005 - يىلى 8 - ئايدىن 2007 - يىلى 1 - ئايغا قەدەر دىنىي جەھەتتە ئەسەبىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە "جىھاد" تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپلا قالماي، ئۇلارنى يەنە تېررورلۇق مەشىق بازىسى قۇرۇش، پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى ياساش شۇنداقلا ئىسلام خەلىپىلىك دۆلىتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ قەدىمقى پايتەختى كيوتو شەھىرىدە رادىئومىزغا بايانات ئېلان قىلىپ، "خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك يىغىنىغا تەييارلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرسە، پۈتۈن دۇنيانىڭ قاراپ تۇرغانلىقىنى ئەيىبلەيمەن" دېدى.
" خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ياشلارنىڭ دېلوسىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك "
نۆۋەتتە رابىيە قادىر خانىم، ياپونىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ياپونىيىنى 3 ھەپتىلىك زىيارەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ، ھازىرغا قەدەر توكيو، تانابە قاتارلىق جايلاردا دوكلات بەرگەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى كيوتوغا كەلگەندە رادىئومىزغا قەشقەردىكى ئۆلۈم جازاسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. قەشقەردە ئۇيغۇرلارغا سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋەقەسى ياپونىيىدىكى بەزى گېزىتلەرنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىندى.
ياپونىيە "يۇمۇئىرى" گېزىتى شۇ كۈنكى خەۋىرىگە "خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولماقچى بولغان بەش كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى" دەپ ماۋزۇ قويغان بولۇپ، خەۋەردە "خىتاينىڭ غەربىي - شىمالىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېتىپ كېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرىۋاتىدۇ " دەپ يازدى. "يۇمۇئىرى" گېزىتى يەنە، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرى بۇ يىل 1 - ئايدا قەشقەردىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كوسىراپ، دېگەن جايغا ھۇجۇم قىلغاندا قولغا چۈشكەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رابىيە قادىر باياناتىدا يەنە ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى ئەيىبلىمىگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. رابىيە قادىر خانىم يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قەشقەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئابدۇۋەلى ئىمىنلارنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈشىنى ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا "ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىدە سەمىمىي بولسا، قەشقەردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ياشلارنىڭ دېلوسىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك " دەيدۇ.
سەيشىئۇ: "زېمىنىنى تارتىۋالغانلارغا قارشى ئۆز ئەركىنلىكى ئۇچۇن كۈرەش قىلغانلار ئەركىنلىك جەڭچىسىدۇر"
ئاساھى شىنبۇن گېزىتى ياپونىيىدىكى مەملىكەتلىك چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر گېزىت دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋەقەسىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۇركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى " تېررورلۇق" ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، دەپ ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ " تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇپ، مەلۇم بىر بازىدا 16 كىلوگرام پارتلاتقۇچ ساقلىغان، ئونلىغان كىشىلەرگە بومبا ياساشنى ئۆگەتكەن " دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى يازدى. قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى، ياپونىيە قانۇن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپلا قالماي، بۇ ۋەقە يەنە ياپونىيىدىكى دېموكراتىك زاتلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
ماتىنۇ سەيشىئۇ ئەپەندىم، ياپونىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن زاتتۇر. نۆۋەتتە ئاسىيا ۋە خىتايدا دېموكراتىيە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان سەيشىئۇ ئەپەندى قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : " ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىشتۇر."
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ئاز قالغان مەزگىلدە ئېلان قىلغان بۇ قارارى ئولىمپىكنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ، دەپ تەكىتلىگەن ماتىنۇ سەيشىئۇ، " ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىك يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولسا، تىبەت ۋە ئۇيغۇرغا ئوخشاش مىللەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك. بىز بۇنى ناھايىتى ئېغىر ۋەقە دەپ قارايمىز ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز "دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دۇنيا ئالدى بىلەن تېررورچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىنى شەرھىلىشى كېرەك. ئۆز زېمىنىدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلغۇچىلارنى تېررورچى، دېيىش پۇت تىرەپ تۇرالمايدىكەن. سەيشىئۇ يەنە، " ئۆزىنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغانلارغا قارشى ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلسا، بۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئەركىنلىك جەڭچىسىدۇر. ئۇ قانداقمۇ تېررورچى بولىدۇ ؟ " دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى دۇنياغا شەرقى تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرىنىڭ قۇربانى، دەپ تەكىتلىمەكتە. قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياشلار ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن قانۇن ساھەسىدىكى زاتلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە گۇمان بىلەن بىلەن قارىماقتا. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۆكۈمنامىدىن قارىغاندا مەھكۇملار ئەسكىرى تەييارلىق باسقۇچىدا بايقالغان بولۇپ، ئاتالمىش جىنايەت تېخى شەكىللەنگەن ئەمەس. جامائەت ۋە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ھاياتى - مال مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا " تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلغان" ئادەملەر قاتارىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىش قانۇننى مەجبۇرلىغانلىقتۇر. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قەشقەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
- نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيىدە خىتاي ئولىمپىكىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق ئولىمپىك مەشئىلى ئامستېردامغا كەلدى
- ئۈرۈمچىدىكى ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى
- قۇربان سەيپىدىن 13 يىلدىن بېرى ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى جازالىتالمىدى
- " قەدىمكى گرېكلار 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۆز قەبرىسىنى قازىدىغان بولدى"
- بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە (2)
- كانادا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي مەسىلىلىرى
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
- خىتاي، كىشىلىك ھوقۇق مىنالىرى كۆمۈلگەن جايدىن مارافونچە يۈگۈرۈپ ئۆتۈۋاتىدۇ
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك 9 تۈرلۈك ئىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
- خىتاي ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى