خىتاي مۇخبىرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىكەن


2007.11.28

بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خادىملىرى، 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىنى زىيارەت قىلىشقا ئىلتىماس قىلغان چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت، ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ بىخەتەر ئېلىپ بېرىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دەپ تەكىتلىمەكتە. بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ لايىھىلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ مىڭخۇي، سەيشەنبە كۈنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا : "ئەگەر، چەتئەل مۇخبىرلىرى، ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىسە، ئۇلارنىڭ ئىلتىماس تەرتىپى توختاپ قالىدىكەن، بىراق مۇخبىرغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار خەلقئارا ئولىمپىك تەنتەربىيە كومىتېتىغا يوللىنىدىكەن."

خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇخبىرلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇش ھېسابلىنىدىكەن

سابىق بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ مىڭخۇي، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ، مۇخبىرلارغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ئارقا كۆرۈنۈشنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە قانداق مەزمۇنلارنىڭ كىرىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز ئاچمىدى، ئۇ پەقەت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، نورمال ئۆتكۈزۈلۈشىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ بېيجىڭغا كېلىشىنى توسايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەركىزى فرانسىيىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خىتاي مەسىلىسى بۇيىچە باياناتچىسى بوسېيېر ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى": بۇ مەزكۈر تەشكىلات، ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان ئەھۋال بولۇپ،ئەپسۇسلىنىدىغان يېرىمىز، خىتاي يەنە بىر قېتىم خاتا بىر قارار چىقاردى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى « مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن زىيارەت قىلىشىغا يول قويىمىز » دېگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى، بۇ بىزنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا."

بېيجىڭ ئولىمپىك كومتېتى خادىمىنىڭ تەكىتلىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇراسىملىرىدا، ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مەتبۇئات مۇخبىرلىرى ئۈستىدىن ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان، شۇڭا بېيجىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئەجەبلىنىش ھاجەتسىز ئىكەن.

بىراق، بوسېيېر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دېموكرات بىر دۆلەت ئەمەسلىكى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ داۋاملىق ھەر خىل چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەيدىغان مۇخبىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق كۆرسىتىشى، نۆۋەتتە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىلا ئەمەس، بەلكى باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلە ئىكەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ قارىشى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قارىشىغا ئوخشىمايدۇ

" مىسال قىلىپ كۆرسەتسەك، گرىتسىيە بىر دېموكراتىك دۆلەت، گرىتسىيە ھېچقاچان سىياسىي سەۋەب تۈپەيلى مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق يەتكۈزمەيدۇ. خىتاي بولسا دېموكراتىك دۆلەت ئەمەس، خىتاي چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ساياھەت قىلىشىغا، زىيارەت خاتىرىسى قالدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ، شۇڭا بۇ تامامەن بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ."

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئاخىرقى ھوقۇق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا تەۋە دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ، بېيجىڭنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن مۇستەسنا ھالدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا قارار چىقىرالىشى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن.

" ھازىر بارغانسېرى ئېنىق بولماي كېلىۋاتقىنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ زادى كىم تەرەپتە تۇرۇش مەسىلىسى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىمۇ ؟ ياكى ئاخبارات ئەركىنلىكى تەرەپتىمۇ؟ ئۇلار بۇ توغرۇلۇق ئۆزلىرىنىڭ ئىنىق مەيدانىنى بىلدۈرگىنى يوق، مەن بۇ جەھەتتە ئەلۋەتتە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن مەن ئۇلار چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن."

مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، 2008 ‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى مەزگىلىدە، 28 مىڭ چەتئەللىك مۇخبىر خىتايغا كىرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر تەخمىنەن 12 مىڭ مۇخبىر ئولىمپىك مەيدانىغا كىرىپ زىيارەت قىلىش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس سۇنغان. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تىزىملاش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تەسىس قىلغان، ئۇلار مۇخبىرلارنى " دوستانە بولمىغان مۇخبىرلار " ۋە " دوستانە مۇخبىرلار " دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى ئىنكار قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكىنى ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدىمۇ چەكلەيدىكەن

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يازغۇچى، جاڭ تەنلىياڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆزلىرى ياخشى كۆرمىگەن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بېجىرىپ بەرمەيدىكەن، بۇنداق ئىشلار ئىلگىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ مۇخبىرلار ئىككىگە ئايرىپ تىزىملاش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىكەن.

" ئەگەر مەن خاتا ئەستە تۇتمىغان بولسام، ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان ئىدى، شۇڭا مەن ئويلايمەن، ئەگەر ئۇلار كونكرېتنى بىر تىزىملاش ئېلىپ بارمىغان بولسا، ئۇلار زادى كىمنى رەت قىلىپ، كىمنى رەت قىلماسلىقتا قېيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ. چۈنكى قارار چىقىرىش ئۈچۈن بىر ئاساس كېرەكتە."

جاڭ تەنلىياڭنىڭ ئېيتىشىچە، 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ساھىبخانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى مۇخبىرلارغا ئەركىن زىيارەت قىلىش ھوقۇقى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىپ كەلگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانمۇ خىتاي چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي چېگرىسى ئىچىدە ئەركىن زىيارەت ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بىراق، ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ بۇ ۋەدىلىرىنىڭ رىئاللىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدىمۇ، خىتايدا مۇخبىرلارنى زىيارەت قىلىشتىن توساش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشى تۇرغان گەپ ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.