شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىكى ئولىمپىك ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر


2008.01.30

خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشغا ئەگىشىپ شۋېتسىيە ئاخباراتلىرى ۋە ھەرخىل تور بەتلىرىدە 2008 - يىللىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش كېرەكمۇ - يوق دېگەن تېمىدا ھەر خىل مۇنازىرىلەر بولۇۋاتىدۇ. بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ ئومۇمى يۆلۈنۈشى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدۇ، گەرچە خىتايدا ئىقتىسادى يۈكسىلىش بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مۇھىت بۇلغىنىش، ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش كۈندىن ‏ - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.

خىتايدىن ئىبارەت كوممۇنىستىك پارتىيە كونتروللىقىدىكى بىر دىكتاتور دۆلەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش خەلقئارالىق تەنتەربىيىنىڭ بۈيۈك شان شەرىپىگە داغ كەلتۈرگەنلىك،36 - ۋە 80 ‏ - يىلى گىتلېر گېرمانىيىسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى قانداق كۆز - كۆز قىلغان بولسا، بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈشىگە قاراپ تۇرۇش ئوخشاشلا بىر دىكتاتۇرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىگە يول قويغان بىلەن باراۋەر. بىز خىتاينىڭ دىكتاتور ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەمەلىيەتتە دىكتاتۇرلۇق بولسا فاشىستلىق دېمەكتۇر. خىتايدا فاشىستلىققا ياتىدىغان ئىنسانلارغا ناھەق ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئۇزۇن يىل تۈرمىلەرگە سولاپ قۇيۇش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىش، تۈرمىلەردە ئۇرۇپ - قىيناش، سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇش، ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قاتتىق چەكلەش قاتارلىق جىنايەتلەر ھېلىھەم مەۋجۇت. بىز پەقەت ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىقلا بۇ خىل قىلمىشلارغا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ قالىمىز.

خىتاي ئۆزلىرى دەۋاتقان سوتسىيالىزمدىن روشەن پەرقلىنىدۇ

مۇنازىرىگە قاتناشقان بىرى شۋېتسىيە ئۇچۇرلىرى دېگەن گېزىتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:خىتاي ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ دۇنياغا باشچى بولۇش چۈشىنى كۆرۈۋاتىدۇ، بىز ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق خىتايغا بۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىدىن سېگىنال بېرىپ قۇيىشىمىز كېرەك ". مۇنازىرىگە قاتناشقان بىر ئايال بىر مۇنداق دەپ يازىدۇ " كىشىلەر خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى ئويلايدۇ، مەن خىتايغا بېرىپ ئەمەس،بەلكى تېلېۋىزوردا كۆرۈشنىمۇ ئۆزۈمگە راۋا كۆرمەيمەن، چۈنكى خىتايدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، كىچىك ھايۋانلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشى، بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ خورلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ رايون ئاتلاپ سېتىلىشى ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ " شۋېتسىيە سوتسىيالىزم دەپ ئاتىلىۋاتقان خىتايدىنمۇ بەكرەك سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە،بىراق شىۋېتسىيەدە خىتايدا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى مەۋجۇت ئەمەس، ئەڭ ئاددىيسى ئۆزىنى سوتسىيالىزم دەپ ئاتاۋاتقان خىتايدا بالىلارنىڭ ئوقۇش ھەققىمۇ ھەقسىز ئەمەس، باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى 600 كرون بولسا، تۆۋەن يىللىقىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش ھەققى 400 كرون، ئەمما خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى ئىگىلەيدىغان بىر دېھقاننىڭ يىللىق كىرىمى ئاران 1500 كرون. ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆزلىرى دەۋاتقان سوتسىيالىزمدىن روشەن پەرقلىنىدۇ.

68% شۋېتسىيىلىك : خىتاي ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس

شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا بۇ خىل مۇنازىرىلەردىن سىرت يەنە بىر قانچە تور بەتلىرىدە خىتايدىكى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش كېرەكمۇ ‏ - يوق دېگەن تېمىدا كىشىلەرنىڭ رايىنى سىناش ئېلىپ بارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە "شۋېتسىيە ئۇچۇرلىرى"، شۋېتسىيە كۈندۈزى" دېگەندەك نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان كىشىلەرنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىككە قارىتا كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىگەن.مەسىلەن ":شۋېتسىيە ئۇچۇرلىرى "گېزىتىنىڭ راي سىناش پائالىيىتىگە ھازىرغىچە 3800 كىشى قاتناشقان بولۇپ "بۇلارنىڭ 68% خىتاي ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگىمۇ دېگەن سوئالغا "ياق" دەپ جاۋاب بەرگەن." شۋېتسىيە كۈندۈزى"ناملىق گېزىتنىڭ تور بېتىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا ھازىرغىچە 1700 كىشى قاتناشقان بولۇپ %62 كىشى "شۋېتسىيە خىتايدىكى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشى كېرەكمۇ" دېگەن سوئالغا ھەئە، دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئەمما شۋېتسىيە ئولىمپىك كومىتېتى يېقىندا بەرگەن باياناتىدا،شۋېتسىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، شۋېتسىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى ستېپان لېندېبەرىي مۇنداق دەيدۇ " خىتايدىكى مۇھىتنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن بىر قىسىم دۆلەتلەر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ خىتايدا تۇرىدىغان كۈنىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئامال بار كېچىكىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ، ئەمما بىز ئۇنداق قىلمايمىز. بىز خۇددى بۇرۇنقىدەكلا مۇھىم مۇسابىقىلەر بولۇشتىن بىر قانچە كۈن بالدۇر بارىمىز. بىز ئولىمپىكتە ياخشى نەتىجە ئېلىشقا جىددىي تەييارلىقتا.

نېمە ئۈچۈن 36 ‏ - يىلدىكى ئولىمپىكتىن ساۋاق ئالمايمىز ؟

ستىپان لىندبەرينىڭ سۆزىنى تەنقىد قىلغۇچى بىرى گېزىت يۈزىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ " خىتاي دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت. خىتايدا كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، ھايات ھەر زامان تەھدىت ئاستىدا. ئەركىنلىكتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق تۇرۇغلۇق بىز نېمە ئۈچۈن 36 ‏ - يىلدىكى ئولىمپىكتىن ساۋاق ئالمايمىز ؟ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەر دائىم خىتاي ھەققىدە دوكلاتلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. مەن شىۋېتسىيەدىكى ئەرباپلاردىن يەنى، شۋېتسىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى، لېنا ئادېلسون، باش ۋەزىر فرىدېرىك رېيىفېلت، مەملىكەتلىك تەنتەربىيە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كارىن ماتسون، شۋېتسىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى ستېپان لېندبەري قاتارلىقلاردىن شۇنى سورىماقچىمەنكى، ئۇلار مۇشۇنداق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتلىرىنى ئوقۇمدىغاندۇ ؟ مەن ئۇلارنىڭمۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.