خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاۋغۇستتا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆز دۆلەت كۈچىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇشى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرغىباتچىلىرىنى قولغا ئېلىشى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك يېتىپ كېلىش ئالدىدا خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولسا، خىتاينىڭ دارفۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتىنى ھەر تەرەپتىن قوللىشى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكىنى قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى دەپ ئاتاشقا سەۋەب بولغان ئىدى.
2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى دەپ ئاتالدى
خىتاي رەھبەرلىرىنى سۇدانغا تۇتقان قۇلاق يوپۇرۇۋېلىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلاردا دارفۇردا بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەرگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ كېلىۋاتقان كىنو چولپىنى، ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مىيا فېرروۋ خانىم ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا ۋال-سترېت ژۇرنىلىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دارفۇردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتىگە سىياسىي، دىپلوماتىك، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى دەپ ئاتىغان.
فېروۋ خانىم يەنە، بۇ ئولىمپىكنىڭ بەدىئىي يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان رېژىسسور ستېۋىن سپىېلبېرگ ئەپەندىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭ 1936- يىلى ناتسېستلار گېرمانىيە ھاكىمىيەت دەۋرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 1936- يىللىق بېرلىن ئولىمپىكىنىڭ بەدىئىي فىلىم رېژىسسورى لېنى رىيفېنستاھل بىلەن بىر نامدا ئاتىلىپ قېلىش خەتىرىدە تۇرغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كىيىن، سپىئەلبەرگ ئەپەندىمۇ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى دارفۇر مەسىلىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
ستېۋىن سپىېلبېرگ:"ۋىجدانىم، بۇ ئىشنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشۇمغا يول قويمىدى"
خىتاينىڭ سۇدانغا بولغان سىياسىتىدە جۈملىدىن دارفۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىغاندىن كېيىن، 13- فېۋرال كۈنى، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بەدىئىي مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھوللىۋۇدنىڭ مەشھۇر كىنو رېژىسسورى ستېۋىن سپىېلبېرگ مەزكۇر ۋەزىپىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ باياناتنامىسىدا، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ: "ۋىجدانىم، بۇ ئىشنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشۇمغا يول قويمىدى" دەپ يازغان.
فېروۋ خانىم :"مۇستەبىت ھاكىمىيەت چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىشقا قىستىلىشى كېرەك"
19 - فېۋرال سەيشەنبە كۈنى ميا فېروۋ خانىم ۋە ئوغلى رونان فېروۋلار ۋال-سترېت ژۇرنىلىدا "بىر ئولىمپىك غەلىبىسى" ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ستېۋىن سپىئەلبەرگ ئەپەندىنىڭ ئولىمپىك بەدىئىي مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنىڭ بىر خەيىرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
فېروۋ خانىم ماقالىسىدە 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ خىتاي ئۈچۈن 1989- يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۆزىنى كۆرسىتىش سورۇنى ئىكەنلىكى سەۋەبلىك خىتايدا ھازىر كوچا-كويلارنى ساراڭلارچە تازىلاش، قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە بۇلغىنىشقا قارشى چارىلەرنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە: " خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە سۇئال قويۇلۇشمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ قاتمال مۇستەبىت ھاكىمىيەت چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىشقا قىستىلىشى كېرەك" دەپ تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ "بىر دۇنيا، بىر ئارزۇ" شوئارى ئۈستىدە توختىلىپ: " بۇ زامانىۋى خىتاينىڭ ئارزۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ئىلى ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقىنى قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىشى ۋە تاشقى سىياسىتى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكنىڭ باش تېمىسىنى جىددىي بەلگىلەش ئالدىدا تۇرماقتا" دەپ يازدى.
فېروۋ خانىم :"جورج بۇش قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىگە قاتنىشىپ ئۆز ئورنىنى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن بىر يەرگە قويماسلىقى كېرەك"
فېروۋ خانىم يەنە، ئەنگىلىيە شاھزادىسى چارلىزنىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى، ستېۋىن سپىېلبېرگ ئەپەندىنىڭ ئۆز ۋىجدانى مەسئۇلىيىتىگە يۈز كېلىدىغان ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسا، بۇ يىللىق ئولىمپىككە قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى ۋە چەتئەللەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇشى ھەققىدىكى سۇئاللاردىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە : " بىزنىڭ جورج بۇشنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىمىز يوق. ئەمما ئۇ بۇ يىل ئامېرىكا خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىگە قاتنىشىپ ئۆز ئورنىنى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن بىر يەرگە قويسۇنمۇ؟" دەپ خىتاب قىلدى.
ئۇ يەنە، بۇش ئەپەندىگە ئوخشاش بىر قىسىم تەسىرلىك سىياسىي شەخسلەرنى خىتاينىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارىتىلغان كۈچلۈك باياناتلارنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى ۋە: " ئەمما ئۇلارنىڭ يېقىندا بۇ ئولىمپىككە قاتنىشىشنى رەت قىلغان ئەنگلىيە شاھزادىسى باشلىغان يولغا ئەگىشىدىغانغا ۋاقتى بار" دەپ كۆرسەتتى.
دارفۇردا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن
سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ 2003- يىلىدىن بۇيان دارفۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا دارفۇردا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئىككى يېرىم مىليوندەك ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىرلار لاگېرىغا قاپسىلىپ قالغان بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان يېقىن ئىقتىسادى ۋە ھەربىي مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك دارفۇر قىرغىنچىلىقىدا خىتاينىڭ ھەسسىسى بار دەيدىغان ئۇقۇم دۇنيا خاراكتېرلىك ئومۇمىي تونۇشقا ئايلاندى. (جۈمە)