ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينى ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى


2008.02.28

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىدا چاقىرىلغان چارشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى قانۇن چىقارغۇچى زاتلار تاشقى دۇنيانىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

" ئامېرىكا تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن"

دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ يىغىندىكى سۆزلىرىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئولىمپىك ۋەدىسىنى ئىجرا قىلىش سەمىمىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. 2000 ‏- يىلى خىتايدىكى پۇقرالار ئەركىنلىكىنى نازارەت قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان خىتاي ئىشلار كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭ باشقۇرۇشىدىكى بىرلەشمە ئورگاندۇر. مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ قېتىمقى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى بايرون دوگان، "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى كۆرۈشنى خالايمىز،" دېدى. جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت بولسا " ئولىمپىك سۈكۈت قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئەنگىلىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەنگلىيىلىك تەنتەربىيىچىلەرگە ئولىمپىك جەريانىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى تەنقىد قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ئامېرىكا تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقىنى، بەلكى ئۆكتىچى زاتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن " دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا يەنە بىر جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئەد رويس، "ئولىمپىك ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئەركىنلىكنى كېڭەيتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشىدىكى"ئاچقۇچلۇق قورال" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. يىغىندا يەنە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۆكتىچى زاتلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ئاكتىپلارنىڭ بىرى خۇ جيانىڭ 2007 ‏- يىلى دېكابىردا قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن خىتاي ‏- ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي 2004 ‏- يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى يىغىنىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئەيىبلەش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تۈپەيلى ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتىنى توڭلاتقان ئىدى.

"دۇنيانىڭ بېسىمى خىتاينى ئۆزگىرىشكە قىستىشى مۇمكىن"

خىتاي ئىشلار كومىتېتىدىكى دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا يەنە، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ۋە مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىسپات بەردى. مەركىزى نيۇ يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سوفىيە رىچاردسون، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى ئۆزگىرىشكە قىستىمىسا، بۇ، تاشقىرىدىكىلەر خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، دېگەن تەسىرات بېرىدۇ. چۈنكى خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈتمەكتە. شۇڭا دۇنيانىڭ بېسىمى خىتاينى ئۆزگىرىشكە قىستىشى مۇمكىن."

يىغىندا مەركىزى نيۇ يوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ كوردىناتورى باپ دياز سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياخشىلاش ۋەدىسى بەرگەنلىكىگە قارىماي، خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ناچار ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي 2007 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى يولغا قويغان يېڭى ئاخبارات قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىنمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەت قىلىشى يەنىلا چەكلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

" تىبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سەپەر قىلىش يەنىلا چەكلىنىۋاتىدۇ"

خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان مەزكۇر قائىدىدە چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتايدىكى ھەر قايسى جايلارغا رۇخسەتسىز سەپەر قىلسا، خالىغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزسە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. باپ دىياز، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چەكلىمە پات ئارىدا پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە تەكرار يولغا قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگىنىگە قارىماي، " تىبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سەپەر قىلىش يەنىلا چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىشىمىزگە توغرا كەلمەكتە،" دەيدۇ.

يىغىندا خىتاينىڭ ئاز دېگەندە 25 نەپەر مۇخبىرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ۋە ھاكىمىيەتكە ئالاقىدار گۇناھلار بىلەن ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن باب دىياز، " خىتايدا مەتبۇئاتنىڭ ئەھۋالى بىز بېيجىڭ 2008 ‏- يىلقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندە كۈتكەن ئەھۋالدا ئەمەس. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت گۇمانلانغۇچىلارنى ئولىمپىك غايىسىنىڭ خىتايغا كىرىشى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇرنى تېزگىنلەش كۈچى ئاجىزلىشىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن ئىدى. لېكىن كۈتكەن ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى كۆرۈلۈۋاتىدۇ،" دەپ ئەسكەرتتى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ تەلىپى ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقتۇر، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى، پەيشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلىباند بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇق ئولىمپىكتىن مۇھىم دېگۈچىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلىپ، "جۇڭگودا پۇقرالار سۆز ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ " دېدى. لېكىن ئامېرىكا مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى روگېر مارتېللا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، " ئولىمپىك يىغىنى تۈگىگەندە دۇنيا خىتاينى خىتاي تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ ئالغان مۇكاپاتى بىلەن ئەمەس، خىتاينىڭ مۇھىت ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ساھەسىدە قانچىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى بىلەن خاتىرىلەيدۇ " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.