خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىغا كەلمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا ياردەم بېرىش نامى بىلەن خىتاي ياشلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش داۋاملاشماقتا.

ئۆتكەن ھەپتىدە 240 نەپەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن سەندوڭلۇق ياش ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلار خېنەن ۋە گەنسۇدىن كەلگەن باشقا 300 گە يېقىن ياش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىسقا مۇددەت تەربىيە كۆرگەندىن كېيىن بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولغان مۇددەت بىلەن مائارىپ، سەھىيە، تەپتىش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىدىكەن. بۇ ئەھۋال چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.

قاھار بارات: سەندۇڭلۇقلار ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان، 2007-يىللىق غەربنى ئېچىشقا ياردەم بېرىش پىلانىغا بىنائەن ئۆتكەن ھەپتىدە مەخسۇس سەندۇڭ ئۆلكىسىدىن 240 نەچچە نەپەر ياشنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئېلىپ كېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت، پارتىيە ئورگانلىرىدىن باشقا كۆپلىگەن كارخانا ۋە سودا شىركەتلىرىنىڭ سەڭدوڭدىن كەلگەن خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سەندوڭنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ماللىرىنى ساتىدىغان ۋە ئەرزان باھالىق خام ئەشيا ئالىدىغان بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرىۋاتقان خىتايلار ئارىسىدىمۇ داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى بىر تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور قاھار بارار ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر سەندوڭلۇق ياشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىشى يۇرتدېشى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى تىكلەشنى مەقسەت قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

قاھار بارات ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يېقىنقى زاماندا ئۇيغۇر ئېلىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان خىتاي مىللىتارستلىرى يەنى زوزوڭتاڭ، ياڭ زېڭشىڭ، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇچىغا چىققان يۇرتۋازلار بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە مىللەتچىلىك كۆزى بىلەن قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ۋە ئىمتىيازلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز يۇرتلىرىدىن كەلگەن خىتايلارنى تارتىپ، باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتايلارنى چەتكە قاققان. مەسىلەن، ياڭ زېڭشىڭ گەنسۇ ۋە يۈننەنلىكلەرنى يېنىغا تارتىپ، خۇنەنلىكلەرنى چەتكە قاققان ۋە باشقىلار.

دىلشات رېشىت: بۇ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى

ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى چېگرا رايوننى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە ئېلىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي زىيالىيلىرىنى يۆتكەپ ماكانلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ ھەر دەۋردە ھەر خىل ناملار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ياشلىرىنىڭ ياردەمگە ئېلىپ چىقىشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىگە تەبىر بەردى.

دىلشات رېشىتنىڭ قارىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، مائارىپ ۋە پارتىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى قاتناشقان بىر يىغىندا بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭمۇ مۇھىم مەسىلە بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دېمەك، ھەر يىلى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، خىزمەت تاپالماي، ئىش كۈتۈپ تۇرىدۇ، مۇنداق ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى ھەر يىلى ھەسسىلەپ ئاشماقتا.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بېيجىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل تەڭسىزلىككە چەك قويمىسا، ئالدى بىلەن يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ياشلارنى ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلىمەي، ئىش ئورۇنلىرىنى خىتايلارغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۇپىتىدە ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىۋەرسە تېخىمۇ مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە يولىقىدۇ. (ئۈمىدۋار)