خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتابنامىسى ۋە مىللىي مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرى


2008.01.02

تۈنۈگۈن يەنى 1 ‏- يانۋار كۈنى چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم خىتاي دېموكىراتچىلىرى، خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ خىتابنامە ئېلان قىلدى. خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى يەنى چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ قانچىلىك قىسمىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس؛ ئەمما ئۇنىڭ چەتئەلدىكى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى بىر تۈركۈم رادىكال پىكىرلىك ئۆكتىچى كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ خىتابنامىسىدىن مەلۇم.

ھېچ بىر ئىش مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل بولمايدۇ

خىتابنامە، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنى، بارلىق دېموكراتىك كۈچلەرنى، جۈملىدىن خىتايدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە ئىچىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە قارشى كەڭ -كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتى قوزغاش ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆتۈش جەريانىدىكى قانۇنىي تەرتىپ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش غايىسى يوقلۇقىنى، خەلق ئەركىن سايلام پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

خىتابنامە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش كويىدىكى بارلىق كىشىلەر، جۈملىدىن، دېموكراتىيىگە ئىنتىلگەن زىيالىيلار، يېرى تارتىۋېلىنغان دېھقانلار، ئادالەتسىز رىقابەتنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئىشچىلار؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئىچىدە ھەققانىي مەيدانى سەۋەبلىك چەتكە قېقىلغان كادىرلار ۋە بارلىق ئوقۇغۇچىلار، خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى دەپ كۆرسىتىدۇ.

خىتابنامىدا خىتاي خەلقى زورلۇق يولىغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى قوغداش ۋە مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە خاتىمە بېرىش ھوقۇقىغا تامامەن ئىگە دەپ ئەسكەرتكەن ۋە ئىنسانىي ئەخلاق چېگرىسى ئىچىدە، ھەر قانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق شەكلىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن ھېچ بىر ئىشنىڭ مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى تارىخ ۋە رېئاللىق ئىسپاتلاپ بولدى دەپ ئەسكەرتكەن ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن ئۈمىد كۈتكۈچىلەر، مۇرەسسە قىلغۇچىلار، ئەپۇ قىلغۇچىلارغا بىزنىڭ سېپىمىزدە ئورۇن يوق دەپ بىلدۈرگەن.

خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر فېدېراتسىيە، ئالي ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىدۇ

ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ خىتابنامىسىدە، خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەرگە كۆپ ئورۇن بېرىلمىگەن، پەقەت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ھەم خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى فېدېراتسىيە تۈزۈمى دەپ ئىشارەت بەرگەن.

بىز ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن يۈەن خۇڭبىڭنى زىيارەت قىلىپ خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارىشىنى سورىغىنىمىزدا مۇنداق دېدى: " خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى يىقىلماي تۇرۇپ خىتايدىكى ھېچ بىر مەسىلە ھەل بولمايدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، مىللىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل بولىدۇ. فېدېراتسىيە تۈزۈمى، ئالي ئاپتونومىيە ھوقۇقى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ دەپ قارايمىز."

يۈەن خۇڭبىڭ يەنە مۇنداق دېدى: "كەلگۈسىدە، يالغۇز شىنجاڭ يەنى شەرقى تۈركىستانلا ئەمەس، ھەتتا باشقا ئۆلكىلەرمۇ مۇستەقىللىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندىمۇ شۇنداق بولغان. بۇلار مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل بولىدۇ، ھازىر بۇ ھەقتە كونكرېت توختىلىش ئۈچۈن بەك بالدۇر."

" بۇ مەسىلە ئىپادە بىلدۈرۈشكە بالدۇر"

بۇ ئوخشاش مەسىلىنى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ پرېزىدېنتى ۋۇ فەندىن سورىغىنىمىزدا، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچتا، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىپادە بىلدۈرۈشى رېئالىستىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئەمەس، شەخسىي ئۆزىڭىزگە ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرسىڭىز، خىتاي ھاكىمىيىتىدە ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ھەققىدە نېمە ئويلايسىز دەپ سورىغىنىمىزدا مۇنداق جاۋاب بەردى": ئەلۋەتتە ھۆرمەت قىلىمەن. ئارىمىزدىكى ئورتاق نۇقتىلار تېپىپ چىقىلسا، ئارىمىزدا ئىختىلاپ يۈز بەرمەيدۇ."

" دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن، ھەتتا ئارمىيە ئىچىدىنمۇ تەكلىپ كەلدى"

بىز يۈەن خۇڭبىڭدىن، " بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئۆكتىچى ھەرىكىتى ئىچىدە كۆپ سانلىققا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟" دەپ سورىغىنىمىزدا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى. "بىز بۇ ھۆكۈمەتنى بىر يېرىم يىل تەييارلىقتىن كېيىن قۇرۇپ چىقتۇق. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتىيى خەلقىمىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھات يولىغا ئۆزلىكىدىن ماڭمايدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىپ كۆپلىگەن تەكلىپ پىكىرلەر كەلدى. ھەتتا، بۇ تەكلىپ ئارمىيە ئىچىدىنمۇ كەلدى. بۇنىڭسىزمۇ بىز، بۇلتۇردىن باشلاپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى دېگەن تېمىدا زىيالىيلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرىلەر يۈرگۈزۈۋاتقان ئىدۇق. بۇ مۇزاكىرىلەردىمۇ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. شۇڭا بىز، مۇشۇ پەيتنى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ پۇرسىتى پىشىپ يېتىلدى دەپ قارىدۇق."

سۆھبىتىمىز جەريانىدا، يۈەن خۇڭبىڭ ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. يۈەن خۇڭبىڭ، 1952 ‏- يىلى ئىچكى موڭغۇلدا تۇغۇلغان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقىغان، 1989 ‏-يىلىدىكى دېموكراتىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە، بۇ ھەرىكەتنى زىيالىيلار سېپىدە تۇرۇپ قوللىغان. تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن جازالانغان ۋە 2005 ‏- يىلى ئاۋسترالىيىگە قېچىپ چىققان. ئۇنىڭ ئىچكى موڭغۇل خەلقى ۋە تىبەت خەلقىنىڭ مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىپ يازغان ئىككى كىتابى بار.

يېڭى قۇرۇلغان خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇندىن كېيىن، خىتاي ئۆكتىچى ھەرىكىتىنى يۈكسەلدۈرەلەيدىغان ‏- يۈكسەلدۈرەلمەيدىغانلىقىلا ئەمەس، تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ‏- كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىمۇ سوئاللىق. ئەمما، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە مۇرەسسەسىز ھەتتا بارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر گۇرۇھنىڭ مەۋجۇتلۇقى دىققەتكە تېگىشلىك بىر نۇقتىدۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.