خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى مۇستەھكەملىمەكتە

تاجىكىستاننىڭ پايتەختتى دۈشەنبىدىن باشقا شەھەرلەرگە ئۇلىنىدىغان ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر كېلىدىغان قاتناش يولى، "لولازور" ئېلېكتىر تارماقلىرى ۋە "شار - شار" تۇنېلى قاتارلىق چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ تاماملىنىشىنى خىتاي شىركەتلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.12.09
Tajikistan-bash-ministiri-Wen-jyabaw-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 15 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﯩﻞ ﺋﺎﻗﯩﻠﻮﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ ﺷﺎﺷﺨﻪﻱ ﮔﯘﺭﯗﻫﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
AFP Photo

بۇ قۇرۇلۇشلار ئۈچۈن، خىتاي پەقەت دۈشەنبىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرىپ قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلۇشلارغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

تاجىكىستاندىكى ئىقتىسادشۇناسلار "تاجىك - خىتاي" مۇناسىۋەتلىرى كۈندىن - كۈنگە راۋاجلانماقتا، بۇنىڭ ئاساسى خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى ئاپتوموبىل، تۆمۈر يول، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا ئالاھىدە ئىقتىسادىي مەبلەغ سەرىپ قىلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن" دېيىشىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ئۆزبېك بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا يۇقىرىقى مەلۇماتلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قۇرغان يول قۇرۇلۇشى 80 دىن ئېشىپ كەتكەن. تاجىكىستانلىق تارىخچى ۋە جەمئىيەتشۇناسلار دۆلەتنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن چارىسىزلىق، خىتاينىڭ تاجىكىستاندا ئىگىلىكىنى تىكلىشىگە قولاي ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە دېيىشىدىكەن.

تاجىكىستانلىق ئۆزبېك ئالىمى جۇرنالىست ئىلھام يۈسۈپوۋ بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا مۇنداق دېگەن: "خىتاي تاجىكىستاننىڭ بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ بۈيۈك يىپەك يولى تىكلەش نىيىتى توغرىسىدىكى گەپ سۆزلەر تارقىلىپ يۈرىدۇ، مېنىڭ نەزىرىمدە خىتاي تاجىكىستانغا خوجايىنلىق قىلىش ۋە سابىق سوۋېت ئىمپېرىيىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشكە ئۇرۇنماقتا، ھازىرغا قەدەر خىتاي تاجىكىستاننىڭ بەدەخشان شەھىرىدىن 100 مىڭ گېكتار يەرنى ئېلىپ بولدى، بۇنى كۆپچىلىك تاجىك خەلقى بىلمەيدۇ. ئاسىئا - پلۇس گېزىتى خىتاينىڭ تاجىكىستان يەرلىرىگە كۆز تىككەن جايلىرىنىڭ خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى، خەرىتىدە بەدەشخاننىڭ يېرىمىدىن كۆپ يېرى كۆرسىتىلگەن. خىتاي تاجىكىستانغا قارىتا ناھايىتى مەككارلىق بىلەن سىياسەت يۈرگۈزمەكتە."

ئوخشاشلا بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەشھۇر تاجىك رېجىسسورى بارزۇ ئابدۇراززوقوۋ، " خىتاي بىلەن باراۋەر ئاساستا ئىش ئېلىپ بېرىشقا كۆزۈم يەتمەيدۇ، مەسىلەن تاجىكىستان بازىرىدا تىجارەت قىلىپ يۈرگەن ئافغانلاردىن ئەندىشە قىلمىساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىزگە يېقىن ۋە بىز بىلەن بىرگە، ئەمما خىتايلار خەتەرلىك، خىتاي تاجىكىستانغا ئۇزاقنى كۆزلەپ تۇرۇپ كىرىپ كەلمەكتە، تاجىكىستانغا كىرگەن خىتايلار بۇ يەرنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيدۇ،" دەيدۇ.

تۈركىيە كوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى تېمۇر غوجا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشكەنلىكى خىتاينى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ تۈپەيلىدىن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا ئۆز سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن.

در. تۆمۈر غوجا ئەپەندى خىتاينىڭ تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتا ماددى يوسۇندا مۇناسىۋەت قۇرۇپ، بىر ياقتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنىگە كۆز تىككەنلىكى، يەنە بىر ياقتىن بۇ دۆلەتلەردىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر قاتارىدا تاجىكىستاننى ئىقتىسادىي لايىھىلەر ئارقىلىق ئۆزىگە قارىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى خۇلاسىلىماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 09, 2009 10:20 PM

ﺑﻪﻙ ﺗﻪ ﺳﯖﺮﻟﻪﻧﺪﯕﻢ