خىتاي، رۇسىيە ۋە غەرب ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيىسىنى تالىشىۋاتىدۇ


2007.02.06

oil-bugur-nefit.jpg
2003-يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى بۈگۈر ناھىيىسىدىكى بىر نېفىتلىكتە تارتىلغان رەسىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئېچىپلا قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيىگە مول دۆلەتلەردە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە تېرىشماقتا. AFP

خىتاينىڭ شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى، شاڭخەي يەھۇدىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور پەن گاڭ دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جامېس توۋن فوندى، ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئامېرىكا-خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىغا قاراتقان تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە توختالدى. پەن گاڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىدە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن، بىر قىسىم ئامېرىكا ئالىملىرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئېنېرگىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئامېرىكىغا تەھدىد پەيدا قىلىۋاتانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى

خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەمدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلىرى بارغانسىرى كۈچىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئامېرىكا، رۇسىيە بىلەن رىقابەت پەيدا قىلىش سەۋىيىسىگە يەتتى.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىدا سىياسىي مۇناسىۋەتلەردىن باشقا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بىراق، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئېنېرگىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۆپرەك كۈچ چىقىرىشقا باشلىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆزلىگەن ئاساسلىق مەقسىتى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىش پىلانىغا نىسبەتەن تەھدىد پەيدا قىلماقتا.

خىتاي بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستانلار ئارىسىدا ئىلگىرى كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا ۋە ئايرىم شەكىلدە بىر قاتار سىياسىي، ئىقتىسادىي،مەدەنىيەت ھەم باشقا ساھەلەرگە ئائىت كېلىشىملەر تۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى كۈنسايىن قويۇقلاشتى. تېخى يېقىندىلا قازاقىستان ۋە تاجىكىستان پرېزىدېنتلىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي رەئىسلىرىدىن جاڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋلارمۇ ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە بولدى.

نوۋەتتە، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق دەرىجىسىگە يەتتى شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدا "دوستلۇق ھەمكارلىق، ئىناق قوشنىدارچىلىق" شەرتنامىلىرى ئىمزالىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېنىق كاپالىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسى تۇرغۇزۇلدى.

ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتىكى ئاساسىي مۇددىئا ئېنېرگىيە

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىمۇ يىلدىن –يىلغا ئېشىپ، 2005- يىل- سەككىز يېرىم مىليارد دوللارغا يەتكەن بولسا، خىتاينىڭ پەقەت بىر قازاقىستان بىلەن بولغان سودىسى ئالتە مىليارد 700 مىليون دوللار بولدى.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىدىن كۆزلىگەن تۈپ مەقسىتى نېمە دېگەن سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي، خىتاينىڭ شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور پەن گاڭ Jamestown فوندى جەمىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلىپ، " ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئومۇمىي يۈزلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمى" دەپ كۆرسەتتى.

"ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرى ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى كۆپ يىللار تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىش ئارقىلىق ياتقۇزۇلۇپ، 2005-يىلى ئاخىرى نېفىت ئاققۇزۇلۇشقا باشلىدى، پىلان بويىچە ھەر يىلى 20 مىليون توننا نېفىت يەتكۈزۈلۈش لازىم بولۇپ، ھازىرقى تۆمۈر يول ئارقىلىق يىلىغا بەش مىليون توننا توشۇلىدىغان نېفىتتىن تۆت ھەسسە كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان ئارىسىدىمۇ جۇڭگوغا تۇتاشتۇرۇلىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇش پۈتۈشۈلگەن، بۇ گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ توشۇش مىقدارى يىلىغا 25 مىلياردتىن 40 مىليارد كۇبمېتىرغىچە بولىدۇ" دەيدۇ پەن گاڭ.

پەن گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، "جۇڭگونىڭ دەڭىز ئېنېرگىيە يوللىرىنى قوغداش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەنەرگىيىسى جۇڭگو ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك قىممەتكە ئىگە، مۇناسىۋەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى پۈتكەندىن كېيىن تەبىئىي گازنىڭ جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدىكى نىسبىتى ئەشىپ، جۇڭگونىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە".

پەن گاڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، " مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ناھايىتى مۇھىم، شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئېنېرگىيە تېخىمۇ مۇھىم، ھازىر ئۈچ ئاساسلىق نۇقتا مۇقىملاشتۇرۇلدى، بىرىنچى ئېنېرگىيە، ئىككىنچى، قاتناش، ئۈچىنچى ئۇچۇر ئىگىلىكى، ئەلۋەتتە، بۇلاردىن باشقا كۆپ نەرسىلەر بار، مەسىلەن، يېزا ئىگىلىك، مۇھىت، سۇ مەنبەلىرى ئىشلىتىش، ساياھەتچىلىك ۋە باشقىلار، لېكىن، ئېنېرگىيە ھامان بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ" دەيدۇ.

قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى،ئىقتىسادىي-جۇغراپىيە پاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروپ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي قازاقىستان نېفىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەر قانچە تىرىشسىمۇ، بىراق مەبلەغ سېلىش جەھەتتە يەنىلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن كېيىن تۇرىدۇ. قازاقىستان خىتاي بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.

خىتاي ئامېرىكىغا ئېنېرگىيە تەھدىدى پەيدا قىلالامدۇ؟

خىتاي مۇتەخەسسىسى پان گاڭ گەرچە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئامېرىكا ۋە رۇسىيىگە تەھدىد پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئىلگىرى سۈرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا مىراس فوندى جەمىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئالىيەر كېئىن " ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيىسى" ناملىق ماقالە يېزىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ مونوپولىنى بۇزۇپ تاشلىۋېتىپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكىنىڭ كوپ قۇتۇپلۇق ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەزكۇر رايوندا ئەمەلگە ئېشىشىغىمۇ تەھدىد پەيدا قىلدى دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر ئالىم، خىتاينىڭ 2006-يىلى قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالغانلىقى ۋە بىر قانچە دۆلەت بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى كېلىشىمۇ تۈزگەنلىكىنى شۇنىڭدەك يەنە رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى ئازلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

Jamestown فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گلېن خوۋارد ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئېنېرگىيە رىقابىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكىنىڭ كۆپرەك ئەندىشە قىلىدىغىنىڭ قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا ياتقۇزۇلغان نېفىت يولى ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاننىڭ نېفىت تۇرۇبىسىنى باكۇغا تۇتاشتۇرىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان خىتايغا بەرمەكچى بولغان 20 مىليون توننا نېفىتنىڭ، 10 مىليون توننىسىنى خىتايغا بېرىدىغان بولدى.

مەزكۇر مۇتەخخەسىسنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيىسى جەھەتتە رىقابەت پەيدا قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئامېرىكا ھازىر ئۇنچىۋالا ئەندىشە قىلمايۋاتىدۇ. چۈنكى، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يەنىلا خېلى بەك ئېتىبار بەرمەكتە، بىراق، ئاچقۇچلۇق نۇقتا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۈنسايىن جانلىنىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ چوڭ تەسىر پەيدا قىلماي قالماسلىقىدۇر.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر پروفېسسور شېرىپجان نادىروپ ئەپەندى ھازىر قازاقىستاننىڭ خىتايغا ماڭدۇرۇۋاتقان نېفىتىنىڭ 20% كە يەتمەيدىغانلىقىنى، 70-80% نېفىتنىڭ رۇسىيە ۋە رۇسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا ماڭدۇرىلىۋاتقانلىقىنى،شۇڭا ھازىرچە خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە غەربكە ئېنېرگىيە تەھدىدى پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خوۋارد ئەپەندى بولسا، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنىڭ كەملىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئېنېرگىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.