پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز خىتاينى زىيارەت قىلدى
2004.12.14
پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىزنىڭ خىتايدىكى تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان زىيارىتى سەيشەنبە كۈنى باشلاندى. بۇ شاۋكەت ئەزىزنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى بۇ قېتىمقى سەپىرىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسۋىتى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر قانچە تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىپ، " بۇ قېتىمقى زىيارىتىم پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسى ۋە سودا مۇناسۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتىرىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن شاۋكەت ئەزىز، پاكىستان بىلەن خىتاينى ئىستىراتىگىيىلىك شېرىكلەر، دەپ كۆرسەتتى.
پاكىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارەتنىڭ ئاساسىي كۈنتەرتىپىنى سودا- ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئىگىلەيدىكەن. بىراق ئىسلامئابادتىكى دىپلوماتىك مەنبەئەلەر، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىقى شۇنداقلا تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ۋە رايون خاراكتىرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بېيجىڭ بىلەن ئىسلامئاباد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەت، يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە قەدەر چېتىلغان .
خىتاي، پاكىستان چەشمە يادرو ئىستانسىسىنىڭ مالىيە ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى 2003 - يىلى 10 - ئايدا تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان. ئىككى تەرەپ 2004 - يىلى 8 - ئايدا ئېلىپ بارغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تاشقورغان رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ -17 JF بەلگىلىك ئۇرۇش ئايرۇپىلانى، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ. شاۋكەت ئەزىز بۇ سەپىرىدە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا- سانائەت مەركىزى شاڭخەينى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە خىتاي سودا -سانائەت ساھەسىدىكى ئەرباپلارغا سۆز قىلىدۇ. شۇنداقلا شاڭخەيدىكى پاكىستان كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. پاكىستان باش مىنىستىرى بېيجىڭدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆز قىلىشى مۈمكىن.
پاكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شاۋكەت ئەزىز خىتاي تەرەپ بىلەن ئىمزالايدىغان ئىقتىسادى توختامنامىلار، سانداق ئالتۇن قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش ۋە رىۋاجلاندۇرۇش كېلىشىمى، پاكىستان - خىتاي بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش شىركىتى قۇرۇش ، خىتاي- پاكىستان ئاساسى قۇرۇلۇش جەمئىيىتى تەسىس قىلىش، خىتاي شىركەتلىرى پاكىستاندا ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت ۋە تەبئىي بايلىقلار ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي تەرەپ پاكىستان بىلەن ئىككى دۆلەت سودا توختامنامىسىدىكى 186 خىل تۈرنى ئەمىلىلەشتۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالاشقا ماقۇل بولغان. پاكىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ خىتايغا گۈرۈچ ئېكسپورت قىلىشىغا قوشۇلغان.
خىتاي شىركەتلىرى پاكىستاندا بەزى چوڭ كۆلەمدىكى ئاساسى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى پىلانىغا ئىشتىراك قىلماقتا. بۇ ئەسلىھەلەر پاكىستاننىڭ ئەرەپ دېڭىزى بويىدىكى گۋادار پورت قۇرۇلۇشى، ۋازىرىستاندىكى گۇمالزام سۇ ئامبىرى ، چەشمە يادرو ئىستانسىسى ، شۇنداقلا سانداق ئالتۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بېرى پاكىستاندىكى خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان. بۇ يىل 5 - ئايدا گۋادار پورت قۇرۇلۇشىدىكى خىتاي تېخنىكلارنىڭ 3 نەپىرى بومبا پارتلاپ ئۆلگەن. 10 - ئايدا ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژىنىرى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى مۇسۇلمان پىدائىيلار قوماندانى مەسۇدنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان.
گۆرۈدىكى خىتايلارنىڭ بىرى قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئۆلگەن ئىدى. خىتايلار بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى گۇمالزام سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى توختاتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى خىتاي خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۈمكىن. پاكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئىسلامئابادتىكى دىپلوماتىك مەنبەئەلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە كەشمىر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، پاكىستان ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلەشمە ھەربىي مانۋېر ئۆتكۈزدى
- پاكىستان بىلەن خىتاي سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى
- پاكىستاندا گۆرۈدىكى خىتاي ئىنجېنىرلارنى قۇتقۇزۇش ھەركىتى قانلىق ئاخىرلاشتى
- گۆرۈدىكى خىتاي ئىنجېنىرلارنى ئۆلتۈرۈش ۋاقىت چەكلىمىسى كېچىكتۈرۈلدى
- پاكىستان ھۆكۈمىتى چەتەللىك جەڭچىلەرنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى