ھىندىستان، خىتاي بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى، خىتاي، پاكىستان بىلەن دوسلۇقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى


2006.11.24

بۆگۈن مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي -ھىنىدستان ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالانمىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر باشلاندى.

خىتاي-پاكىستان بەش يىللىق ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان

'بىرلەشمە ئاگېنتلىىقى'نىڭ 24 ‏- نويابىر كۈنى ئىسلامئابادتىن خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بەش يىللىق ئومۇمىي كېلىشىم ئىمزالانغان. بۇ خىل كېلىشىم خۇ جىنتاۋ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ دۆلەت رەئىىسى سالاھىيىتى بىلەن پاكىستاننى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئىمزالانغان. بۇ ئومۇمىي كېلىشىم خىتاي -پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى بەش يىللىق ئەركىن سودا كېلىشىمى، پاكىستان ھاۋا قىسىملىرى بىلەن خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە سانائىتى ئوتتۇرىسىدا كېلىشكەن ئايرۇپىلان سانائىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىشىش كېلىشىمى، شۇنداقلا، پاكىستان ھاۋا قىسىملىرىنى قوراللاندۇرىدىغان JF_17 بەلگىلىك بومبادىمانچى ئايرۇپىلانلارنى 2007 ‏-يىلىدىن بۇرۇن ئىككى دۆلەت بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش پىلانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي پاكىستان بىلەن ئەركىن سودىنى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى نىشانلىغان

'ب ب س' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ پاكىستانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاي -پاكىستان ئوتتۇرىسىدا 18 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالانغان. بۇنىڭ بىرى خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ بەش يىللىق ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن ئىبارەت. بۇ كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، خۇ جىنتاۋ بىلەن پەرۋىز مۇشەررەپ خىتاي - پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودىنى 2005 ‏- يلىدىكى 4 مىليارد 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سەۋىيىدىن 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى نىشانلىغان. گەرچە خىتاي پاكىستانغا يېڭى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى بۇيىچە، بۇ مەسىلە خىتاي -پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىل داۋام قىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك پىلان دەپ ئاتىلىش بىلەن چەكلەنگەن. خىتاي بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان پاكىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قورال پىلانىنى قوللاپ، ئۇنى ئەڭ كۆپ ئۇرۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان دۆلەت. خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا ۋە ئۇنى قۇربان قىلىۋەتمەسلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئەركىن سودا كېلىشمى ئىمزالانمىغان

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خۇ جىنتاۋ بۇنىڭدىن بۇرۇن ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا، گەرچە ئۇ خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش ھەققىدە، ئۆز - ئارا ئىشەنمەسلىكنى يوق قىلىش ھەققىدە، خىتاي -ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش ھەققىدە كۆپلەپ چىرايلىق سۆز قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا، خىتاي- ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالانمىدى.

ھىندىستان -خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشمى ئىمزالايدىغان پۇرسەت تېخى يېتىپ كەلگىنى يوق

'ھىندىستان سودا خەۋەرلىرى' گېزىتىنىڭ 24 ‏- نويابىر كۈنى بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ 23 ‏- نويابىر كۈنى مۇمبايدا، خىتاي -ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش سۆھىبىتى داۋاملىشىۋاتقاندا، خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىپ، باشقا ئىختىلاپلارنى قايرىپ قويۇپ، سودا كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما سۆھبەتنىڭ قاياشى ھەر ئىككى دۆلەت رايون خاراكتېرلىك سودا كىلىشىمى ئىمزالاشنى 2007 ‏- يىلى ئۆكتەبىرگىچە تەتقىق قىلىشقا مايىل بولغان. ھىندىستاننىڭ سودا-سانائەت مىنىستىرى كامال ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە 'ھىندىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشمى ئىمزالايدىغان پۇرسەت تېخى يېتىپ كەلگىنى يوق، بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بارىمىز، كۆزىتىمىز' دېگەن.

ھىندىستان ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇدىغان قۇرۇلۇشلارغا خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىغا دېققەت قىلماقتا

'مەركىىزى ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ سودا مىنىسىتىرى جايرام رامىش ئەپەندى 23 ‏- نويابىر كۈنى 'ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش دېگەن بىر ئۇزۇن يىللىق خىيال. ھىندىستان ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى بىرىنچى ئورۇندا قويىدۇ' دەپ جاكارلىغان. ئۇ سۆزىدە يەنە 'پاكىستان ھازىر داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى جەھەتتىكى ياردىمىگە ئىگە بولۇۋاتىدۇ. خىتاي يەنە ھىندىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلاردىكى بەش رايۇنغا تېلېگراف- ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرمۇنچە قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. بىز دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇدىغان بۇنداق سەزگۈر قۇرۇلۇشلارغا خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتىمىز' دېگەن.

خۇ جىنتاۋ خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادا ئاجىزلاپ كەتكەن تەسىرىنى قوزغاتماقچى

'ئامېرىكا ئاۋازى' نىڭ بايان قىلىشىچە، 2001 ‏- يىلىدىكى 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، پاكىستان ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى سەپدىشى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرى ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم پاكىستاننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، پاكىستان بىلەن ئۇزۇن يىللىق تەرەقىقىيات ئەسلىمىلىرىنى تۇرغۇزۇش، ھىنىدستانغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادا ئاجىزلاپ كەتكەن تەسىرىنى قايتىدىن قوزغىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.