خىتاي ئارمىيىسى چېگرىدىن چىقىپ دۇنياغا قەدەم باسماقتا

0:00 / 0:00

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11 ‏- دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاي 2006 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنىدىن 18 ‏- كۈنىگىچە پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 'دوستلۇق 2006 ‏- يىل' ناملىق تېررورچىلىققا بىرلىكتە زەربە بېرىش ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىدۇ، بۇ مانىۋېرنىڭ تىغ ئۇچى باشقا بىر دۆلەتكە قارىتىلمايدۇ" دەپ بايان قىلىنغان.

پاكىستان يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ ماڭالايدىغان قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن بۇ قېتىمقى مانېۋىر باشلاندى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 10 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى راۋالپىدىدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يادرو قوراللىرى جەھەتتە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، پاكىستان يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ ماڭالايدىغان قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيىسى تېررورچىلىققا زەربە بېرىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاكىستانغا يېتىپ كەلگەن.

مەزكۇر ئاگېنتلىقىنىڭ 11 ‏- دېكابىر كۈنى ئىسلامئابادتتىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر خىتاي -پاكىستان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلۈپ بولغان كېلىشىم بويىچە خەۋەرلىشىش سىستېمىسى ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئەسىدە قوللىنىلىدىغان ئېلىكترونلۇق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ئىشى داۋاملىشىۋاتقاندا، شۇنداقلا جف17 بەلگىلىك ھەربى ئايروپىلانلارنى بىرلىكتە قوراشتۇرۇش، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئىككىنچى يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقاندا باشلانغان. پاكىستان دائىرىلىرى 'خىتاي بىلەن پاكىستان بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان بۇ قېتىمقى تېررورچىلىققا زەربە بېرىش مانېۋىرى 10 كۈن داۋام قىلىدۇ' دېگەن.

بۇ قېتىمقى مانىۋېرنى خىتاينىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي ئۆمەكلىرى كېلىپ كۆزىتىدۇ

پاكىستاندا چىقىدىغان 'سۈبھى گېزىتى'، 'نەزەر گېزىتى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ راۋالپىدىدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قىسىملىرى تېررورچىلىققا زەربە بېرىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ چەكلالە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ كەلگەن. بۇ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز چېگرىسىدىن چىقىپ پاكىستانغا قەدەم بېسىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن پاكىستاننىڭ قوراللىق قىسىملىرى 2004 ‏- يىلى 8 ‏- ئايدا پامىر ئىگىزلىكدىكى تاشقورغان رايونىدا خىتاي بىلەن بىرلىكتە تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئۆسكەنسىرى، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە دائىرىسىنى قەدەممۇ -قەدەم كېڭەيتىپ، چەتئەللەرگە ھەربى ئۆمەك، ھەربى ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشكە، دېڭىز ئارمىيىسىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەربى قىسىم ئەۋەتىشكە باشلىدى. بۇ قېتىم پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانىۋېرنىمۇ خىتاينىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي ئۆمەكلىرى كېلىپ كۆزىتىدۇ.

خىتاي جەمئىيىتى ھازىر باشقا بىرخىل ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە، شۇڭلاشقا...

‏-‏‏ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى چەن لىخۇئانىڭ بايان قىلىشىچە، ‏-‏ دەپ يېزىلىدۇ پاكىستاندا چىقىدىغان 'سۈبھى گېزىتى'نىڭ خەۋىرىدە، ‏-‏ خىتاي 2002 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا قىرغىزىستان بىلەن چېگرىدا، تۇنجى قېتىم تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەر خىل مەزمۇندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. چەن لىخۇانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي جەمئىيىتى ھازىر ئەنئەنىۋىي بىخەتەرلىككە ياتمايدىغان باشقا بىرخىل ئېغىر تەھدىت دۇچ كەلمەكتە. خىتاي بۇنىڭغا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا مۇھتاج. باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ھازىر خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. خىتاي ئارمىيىسى ھازىر ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى مۇداپىئە قىلىش نامى بىلەن چېگرىدىن چىقىپ دۇنيا قەدەم باسماقتا.

تېررورچىلاردىن ئىبارەت 'قارا ئېقىن' ئافغانىستاندىن...

خىتايدا چىقىدىغان 'شەرق گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي 2004 ‏- يىلى پاكىستان بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەندە، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىنىڭ 'جان تومۇرى' بولغان قاراقۇرۇم تاغلىرىنى تاللىغان ئىدى. خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بۇ 'تومۇر' ئارقىلىق داۋام قىلىۋاتقان سودا ئالاقىسى ھەر ئىككى دۆلەتكە بايلىق ۋە ئاۋاتلىق بەخش ئەتتى. ئەمما بۇ سودا يولىدا بىر 'قارا ئېقىن' مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ دىنىي رادېكال كۈچلەردىن تەركىپ تاپقان تېررورچىلار. خىتاي -پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەرەققى قىلغانسېرى، بۇ 'قارا ئېقىن' شۇنچە يامراپ، بۇ ئىككى دۆلەتكە رىقابەت قىلىدۇ. بۇ 'قارا ئېقىن' پاكىستانغا چېگرىداش بولغان ئافغانىستاندىن تەپچىرەپ چىقماقتا. شۇڭلاشقا خىتاي 2007 ‏- يىلىدا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامى بىلەن رۇسىيىدە تېررورچىلىققا، دۆلەت ئاتلاپ جىنايەت سادىر قىلىدىغان تەشكىلاتلارغا قارشى كۆپ قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭغا خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى قاتنىشىپ، جىنايەتچىلەرنى دۆلەت سىرتىدا قوغلاپ تۇتۇش مەشقى ئېلىپ بارىدۇ. (ۋەلى)