گۇۋادار پورتى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىرغىقىغا، پارس قولتۇغىنى ئۇممان قولتۇغىغا تۇتۇشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھۆرمۈز بۇغۇزىغا يېقىن بىر رايونغا جايلاشقان. بۇ پورت پاكىستان، ئافغانىستان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق سودا ۋە تىجارەت يولى ئۈستىدە.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە گۇۋادار پورتىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن 248 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ پورتنىڭ خىزمەتكە ئېچىلغانلىقى، خىتاي بىلەن پارس قولتۇغى رايونىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئالاھىدە ھەسسە قوشىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى غەرىزى
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە سەۋەبتىن گۇۋادار پورتىنىڭ ياسىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئالدى بىلەن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ پورتنى خىتاينى دېڭىز يولى ئارقىلىقلا ئەمەس، كەلگۈسىدە تاش يول ۋە تۆمۈر يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تۇتاشتۇرىدىغان بىر كۆرۈك دەپ قارايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقتىكى قەشقەرغە ئەڭ يېقىن پورت، قەشقەردىن 3500 كىلومېتىر ئۇزاقتا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قەشقەرگە 1500 كېلومىتىر مۇساپىدا بولغان گۇۋادار پورتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنى دېڭىزغا تۇتاشتۇرىدىغان بىر پورت بولۇشىنى خالايدىكەن. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان تاۋارلارنى دۇنيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىشىنى ناھايىتىمۇ ئاسانلاشتۇرىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە كۈز تىككەن بولۇپ، پاكىستاننىمۇ كەلگۈسىدە خىتاي ئۈچۈن نېفىت ۋە تەبئىي گاز مەنبەسى دەپ قاراشقا باشلىغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىن گۇۋادار پورتىغا تۇتۇشىدىغان ئەڭ ئاز دېگەندە بەش نېفىت ۋە تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياساشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ پورتنى شۇنداقلا ئىران ۋە ئافرىقادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىتنى خىتايغا يۈتكەش مەركىزى قىلىپ ئىشلىتىشنى خالايدىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قاراشلىرى
پاكىستانلىق سىياسىي ئانالىزچى، سېد فەزل ھەيدەرنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، گۇۋادار پورتى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران ۋە قاتاردىن باشلىنىدىغان پۈتۈن تەبئىي گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا پاكىستان ۋە خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىتىنى ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن گۇۋاداردىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرىسىغىچە سوزۇلىدىغان بىر نېفىت تۇرۇبىسى ياساشنى پىلانلىماقتا شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى گۇۋاداردا يېقىنىدا بىر نېفىت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى قۇرۇش توغرىسىدا پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتكە باشلىغان.
لېكىن پاكىستاندا نۇرغۇن كىشىلەر بولۇپمۇ بەلوچىستان ئۆلكىسگە جايلاشقان گۇۋادرا رايونىدىكى يەرلىك خەلق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇۋادار پورتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىغا قارشى چىقماقتا. گۇۋاداردىكى يەرلىك خەلقىنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار بۇ نارازىلىقىنى ئۆتمۈشتە گۇۋادار پورتىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق قانلىق ئۇسۇلدا ئىپادىلىگەن.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، گۇۋادار مەلۇم بىر دۆلەت ئۆز سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەقسەتلىرىگە يىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر پورت ئەمەس، تەرەپىژ بىر پورت بولۇشى كېرەك ھەمدە پاكىستان ھۆكۈمىتى گۇۋادارنى پۈتۈن دۆلەتلەرگە ئوچۇق بىر پورت دەپ ئېلان قىلىشى كېرەك.
يەرلىك خەلقىنىڭ مۇشۇ نارازىلىق سەۋەبىدىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى گۇۋادار پورتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى جەريانىدا بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رايوندا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. (قانات)