جۇڭگو خىتاي - پاكىستان تېرورىزىمغا قارشى كېلىشىمىنى تەستىقلىدى

0:00 / 0:00
pakistan-xitay-200.jpg
خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2006 – يىلى 16 – ئىيۇل كۈنى شاڭخەيدە چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشاراف بىلەن. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستان بىلەن 24 - ئاۋغۇستتىن 26 - ئاۋغۇستقىچە ئالما-ئاتا ۋە غۇلجىدا تېرورىزىمغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى مانېۋىر ئاخىرلاشقان شۇ كۈنى پاكىستان بىلەن ئىمزالىغان تېرورىزىمغا قارشى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.

خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرماقتا

كۆزەتكۈچىلەر، بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دۇنياغا بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرگە جۇڭگو باشقىلار سەل قاراشقا بولمايدىغان رايوندىكى ھۆكۈمران دۆلەت، دېگەن بىشارەتنى بەرمەكچى، دەپ ئانالىز قىلماقتا.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قازاقىستان نېفىتىنى خىتايغا توشۇيدىغان ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى خىزمەتكە كىرىشكەندىن كېيىن، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان. لېكىن بېيجىڭنىڭ ئىسلامئاباد بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەردىن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغىچە ياسىماقچى بولغان قاتناش لىنىيىسى بۇ بىخەتەرلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈچەيتمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 26 - ئاۋغۇست كۈنى غۇلجىنىڭ يېڭىيار يېزىسىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىر ۋە پاكىستان بىلەن ئىمزالىغان تېرورىزىمغا قارشى كېلىشىم رايوندىكى تېرورچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئەسەبىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ رايوندىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى پاكىستان بىلەن 2005 - يىلى 4 - ئايدا ئىمزالىغان تېرورىزىمغا قارشى كېلىشىمىنى تەستىقلىغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ كېلىشىمدە جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ھەمكارلىق دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىمنىڭ تەپسىلى دىتاللىرىنى تىلغا ئالمىدى. ئامېرىكا سېراكيۇز ئۇنىۋېرسىتىتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان قىلىچ قاناتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بۇ كېلىشىم ئارقىلىق مەملىكەت ئىچىدە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى ئىكەن.

پاكىستان خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كەلگەن

خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېي، 2005 - يىلى 4 - ئايدا ئىسلامئاباد بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم توغرىسىدا "بۇ كېلىشىم ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان پاكىستانلىقلار ۋە پاكىستاندا ياشايدىغان جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن بىر زۆرۈرىيەت،" دەيدۇ. خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى بۇ دۆلەتتىكى جۇڭگوغا قارشى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى يوقىتىش ۋە ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇنلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيمەكتە. بۇ ھەمكارلىقنىڭ تىپىك مىسالى ئىسمايىل سەمەتنى ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 2 - 3 يىل ئىلگىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەردى.

ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىدارىسى سىياسى مۇساپىر، دەپ تونىغان ۋە شۋېتسىيىگە يەرلەشمەكچى بولۇپ تۇرغان ئۇيغۇر سىياسى مۇساپىر مەمەت توختىنى خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ ياردىمى بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان. پاكىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتىكى ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋالدا، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى مەنپەئەتىگە تاقىلىدۇ

جۇڭگو پاكىستاننى ھەربىي قوراللار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ مۇھىم دۆلەت بولۇپلا قالماي، پاكىستاننىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان دۆلەتتۇر. جۇڭگو، پاكىستان بىلەن 2002 - يىلى ئىمزالىغان كېلىشىم بويىچە پاكىستاننىڭ ئەرەب دېڭىز بويىدىكى گۋادار پورت قۇرۇلۇشغا 198 مىليون دوللار مەبلەغ سالماقچى بولدى ۋە پاكىستانغا تېخنىكا كۈچلىرىنى يوللىدى.

پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تەلئەت مەسئۇدنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى گۋادار پورتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنىڭ دېڭىزغا چىقىشتىكى ئەڭ قولاي يولى، دەپ قارايدىكەن ۋە ئۈرۈمچى - قەشقەر تۆمۈر يولىنى پېشاۋۇرغىچە تۇتاشتۇرۇش، كاراچىغىچە يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتىكەن. ئانالىزچىلار، بۇ ئەھۋالدا خىتاي رايوندا بىخەتەرلىك ۋە مۇقۇملۇققا تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياج تۇيىدۇ، دەپ قارىماقتا.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋۇ داۋېي جۇڭگو -پاكىستان - تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، "بۇ كېلىشىم جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەمچى بولىدۇ،" دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى پاكىستاندا ئىشلەيدىغان خىتاي پۇقرالىرى ۋە پاكىستانغا سالغان مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. بۇ يىل 2 - ئايدا پاكىستاننىڭ گۋادار پورتى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان 3 نەپەر خىتاي ئىنژېنېر بالۇجىستاندا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن بۇ دۆلەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى قاتىللارنى تېپىپ جازالايمىز، دەپ ۋەقە بەرگەن ئىدى. بۇ 3 خىتاي ئىنژېنىر بالۇجىستاندىكى گۋادار پورت قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇدىغان يەرلىك قەبىلە كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (ئەركىن)