خىتاي پاكىستاندىن پاكىستاندىكى خىتايغا قارشى TIP ئەزالىرىنى تەلتۈكۈس يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.05.28
2009.05.28
AFP Photo
بۇ تەلەپنى خىتاينىڭ پاكىستان باش ئەلچىسى لۇ زاۋخۇي، پاكىستاندىكى ۋېنگىرىيە ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋابەن ئاشكارىلىغان.
باش ئەلچى لۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ۋازىرىستان ۋىلايىتىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە مەنسۇپ يۈزلەرچە كىشىنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە خىتايدا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لۇ يەنە مەزكۇر كىشىلەرنى" شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈنمۇ تەھدىت، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 600 نەپەر جۇڭگولۇق ئىنجىنىرلار ئۈچۈنمۇ تەھدىت،" دەپ كۆرسەتكەن.
ۋازىرىستان پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چىگرىداش بولغان قەبىلىلەر رايونىغا ئاىت بىر ۋىلايەتتۇر. مەزكۇر ۋىلايەتنىڭ يەر كۆلىمى 11585 كۋادىرات كىلومېتىر ، نوپۇسى 400 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ يېقىنقى 200يىلدىن بېرى كۆپ قېتىملىق جەڭلەرگە سەھنە ۋە جەڭچىلەرگە پاناگاھ بولۇپ كەلگەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر ۋىلايەتتە راستىنلا ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىتەرەپ مەنبەلەر ئوتتۇرىغا قويغىنى يوق. ئەمما پاكىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە، ئوقۇش، تىجارەت ۋە پاناھلىنىش مەقسىتىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينى جىددىي ئەندىشىگە سېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئاخبارات ۋە جەمئىيەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم.
پاكىستاندا 8 يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان، نۆۋەتتە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس؛ بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستان تاغلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، خىتاينىڭ ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەرگە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ۋە شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ناھەق مۇئامىلىسىنىڭ نەتىجىسى.
غەيرىي رەسمىي خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا، پاكىستانغا 170 كىشىلىك قارا تىزىملىك بەرگەن ۋە بۇ تىزىملىكتىكىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ھازىرغا قەدەر پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىسمايىل سەمەد قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى تەلىپى، قايتۇرۇپ ئەكىتىش ئەمەس، بەلكى تەلتۆكۈس يوقىتىش بولغان. نۆۋەتتە پاكىستاندا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئۆتكەن ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، قايسى بىر دۆلەت ئۆز ئەزالىرىنى قولغا ئېلىپ خىتايغا قايتۇرماقچى بولسا، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ مەزكۇر تەلىپىنىڭ ئورۇنلىنىش ئېھتىماللىقىنى مۇمكىنسىز دەپ قارىماقتا. چۈنكى پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونى مەركىزى ھۆكۈمەتكە بېقىنماي كېلىۋاتقان ھەم كۆپ مەسىلىلەردە مۇستەقىل قارار بېرىش ھوقۇقى بولغان بىر رايوندۇر.