خىتاي پاكىستاندىن قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقى يۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى كۈچلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھۇجۇم پىلانى قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللۇنىشىنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-04-13
Share
xu-zardari-beyjingda-305.jpg 15 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺋﺎﺳﯩﻒ ﺯﺍﺭﺩﺍﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
AFP Photo

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدە ھۇجۇم قوزغاش ئىھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پاكىستان سىياسى سەھنىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلارنىڭ ئەنگىلىيە" مۇستەقىللىق " گېزىتىگە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا پاكىستان رەھبەرلىرىدىن پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى كۈچلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ، ش ت ئى ھەرىكىتى كۈچلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھۇجۇم پىلانى قۇرغانلىقىنى، مۇستەقىلچىلەرنىڭ بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەنگىلىيە "مۇستەقىللىق" گېزىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىلىك سانىدىكى بۇ خەۋەردە خىتاي - پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە مەخسۇس بۇ مەسىلىنى مەركەز قىلىپ، 2 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، سۆھبەت جەريانىدا خىتاي تەرەپنىڭ پاكىستان دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى مۇشاھىد ھۆسەييىن سەئىد ئەنگىلىيە گېزىتىگە بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا بۇ سۆھبەتلەرنىڭ بىرىنىڭ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ بىلەن پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ بىر ئالاھىدە ۋەكىلى بۇ يىل 3 ‏ - ئايدا پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئىسلامئاباد بىلەن قەبىلىلەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت زەردارى بۇ يىل 2 ‏ - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا سودا - ئىقتىساد يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى. مۇشاھىد ھۆسەيىن سەئىد ئەنگىلىيە گېزىتىدىكى مەلۇماتىدا زەردارىنىڭ شاڭخەيدىكى مەزگىلىدە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇنىڭ شاڭخەيگە كېلىپ، زەردارى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇنىڭ پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى ش ت ئى ھەرىكىتى كۈچلىرىنىڭ خىتايغا ھۇجۇم پىلانى قۇرغانلىقىنى، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پاكىستاندىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بەزى ئەرباپلار بولسا قەبىلىلەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ئىمكانىيىتى چەكلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلار رايوندىكى تۈرلۈك گۇرۇھلارنىڭ قانىتى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بەزى گۇرۇھلارنىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قاراشتىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىرى، پاكىستاندىكى ئەرشىدىن ئەپەندىدۇر.

مۇشاھىد ھۆسەيىن سەئىدنىڭ باش كاتىپلىقىدىكى پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بۇرۇن سابىق پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپنى قوللايدىغان سىياسى پارتىيە ئىدى. مۇشاھىد ھۆسەيىن سەئىد ئەنگىلىيە گېزىتىدىكى مەلۇماتىدا زەردارى بىلەن مېڭ جيەنجۇ ئارىسىدىكى سۆھبەت مەزمۇنىدىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان يېقىنقى بىر زىيارىتى جەريانىدا خەۋەردار بولغانلىقىنى، سۆھبەت مەزمۇنىغا دائىر ئۇچۇرنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا " ش ت ئى ھەرىكىتىنىڭ قەبىلىلەر رايونىدا ھەربىي قارارگاھى بار. ئۇلار جوڭگو ئىنقىلابىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدە ھۇجۇم قىلىش پىلانى قۇرماقتا،" دېگەن. مۇشاھىد ھۆسەيىن سەئىد، مېڭ جيەنجۇ بىلەن زەردارىنىڭ شاڭخەيدىكى سۆھبىتى 90 مىنۇت داۋاملاشقانلىقىنى، قەبىلىلەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلامئابادتىكى باش شتابىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ۋە مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى تەپسىلى ئۇچۇرلارنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى تارىق ئەزىز سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. خىتاي پاكىستاننى ھەربي ئەسلىھەلەر ۋە يادرو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ مۇھىم دۆلەت بولۇپلا قالماي پاكىستانغا مەبلەغ سېلىۋاتقان بىردىن بىر دۆلەتتۇر. پاكىستاندىكى ئەرشىدىن ئەپەندى پاكىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ش ت ئى ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت ياكى ئاكتىپ پائالىيەتتىكى ئورگان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش قىيىن بولغان گۇماندىكى بىر مەسىلىدۇر.

يېقىندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلار مۇتەخەسسىسى سوفىيە رىچاردسون، ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىندا بۇ مەسىلىدىكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ش ت ئى ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى خىتاينى ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ تېررورىزمنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

رىچاردسون خانىم، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سەۋەنلىكنى تۈزىتىپ، ش ت ئى ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان.
 

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت